شاپاقچى
ئابلىزئوبۇل فونتان
كىمنى كۆرسەڭ كۆزۈڭنى قىسىپ،
ئەل ئالدىدايۈزى يوق شاپاقچى.
قېرى ياشكەن دېمەي غىلجىڭلاپ،
ئەل بىزارى كۆزيوق شاپاقچى .
ئوخشىتامسەن ھەممە ئادەمنى،
ئۈجمە كۆڭۈل سەندەك شاپاقچى.
ھەسەل بەزى يېسەڭمۇ غورا،
تېتامدۇيا قەندەك شاپاقچى.
ئوينىساڭمۇ ئويلاپ ئوينىغىن،
شاللاقلىق قىپ كۈلمە شاپاقچى.
تاشلىۋەت ئۇ ناچار خۇيۇڭنى ،
ناپاك خىيال سۈرمە شاپاقچى.
مۈشۈكمۇ سەن بەزمارايدىغان،
گۆشكە تويماس ناچارشاپاقچى.
يەپبۇلۇپلا خوشمۇ دىمەستىن،
يولۋاس كەبى قاچار شاپاقچى.
ئاپتۇرى سانجى شەھرى داشىچۈبازىرىدا.