باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

كۆيمىگەنگە كۆيمە

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-02 18:00:50

/

 

 كۆيمىگەنگە كۆيمە

مۇھەممەت رەھىم

 

كۆيمىگەنگە كۆيىدۇ كەم-كوتسىز كالۋا كىشى،

كۆيگىنىنىڭ كەينىدىن كۈنلەيدىكەن كومشا كىشى.

 

كۆيسە كاشكى كۆيگىنى، كەتمەس كۆرۈشمەي كەچكىچە،

كاپشىغاي كۆرگەندە، كاس-كاس كېسىلى كونا كىشى.

 

كىم كۆيۈپ، كىم كۆيمىدى، كۆرمەس كۆزى كۈپكۈندۈزى،

كۆڭلى كىر، كەچمىشلىرى كەمچىل، كاۋاك كالۋا كىشى.

 

كۈلسىمۇ، كۈلدۈرسىمۇ كۆپرەك كۆزەتمەي كۆيمىگەي،

كاج كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدىغان كاتتا كىشى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2