دۇنيا بويىچە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەر بېل گايتىس؛ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال ئەنجىلىنا جۇلى؛ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر دۆلەت رەھبىرى ئوباما ۋە شى جىنپىڭ؛ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئارتىس چېڭ لۇڭ
ئەنگلىيەدىكى بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى "YouGov" توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق دۇنيا سىياسىي، ئىقتىساد، كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسىلەر ئارىسىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخىسلەرنى تاللاپ چىققان، ئۇلار ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن باشلاپ 34 دۆلەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كىشىلەر ئەڭ قايىل بولىدىغان مەشھۇر شەخىسلەرنى تاللاپ چىققان، توردا بېلەت تاشلاشقا 23 دۆلەتتىكى تورداشلار قاتناشقان.
1. ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەر بېل گايتىس
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گايتىس دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەر بولۇپ باھالانغان. ئۇ مىكروسوفىت شىركىتىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئايالى بىلەن بىرلىكتە بىر فوند جەمئىيەت تەسىس قىلىپ كىشىلەرنىڭ تەربىيلىنىش پۇرسىتىنى كېڭەيتىش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئىشلىرىغا نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بايلىقنى ئىئانە قىلغان.
2. ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال ئەنجىلىنا جۇلى
ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى ئەنجىلىنا جۇلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال بولۇپ باھالانغان. ئۇ ھوللىۋودتىكى كىرىمى ئەڭ كۆپ ئايال چولپان بولۇپ، ئۇ يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي دەرىجىلىك ئەلچىسى
3. ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر دۆلەت رەھبىرى ئوباما ۋە شى جىنپىڭ
بۇ تىزىملىكتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئىككىنچى ئورۇنغا، جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئامېرىكا غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت، بۇ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان ئوبامانىڭ غەرب دۇنياسىدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ مۇنچە كۆپ بولۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئوبامانىڭ ھەربىر ھەرىكىتى دۇنيا خەلقىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىگە كىشىلەر ئەڭ كۆپ دىققەت قىلىدۇ. جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيادىكى قۇدرەت تېپىۋاتقان بۇ چوڭ دۆلەتتىكى سىمۋول خاراكتېرلىك شەخس، ئۇنىڭ تىزىملىككە كىرىشىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
4. ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئارتىس چېڭ لۇڭ
شياڭگاڭلىق بۇ چولپان بۇ قېتىملىق باھالاشتا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، رىم پاپاسى، فىزىكا ئالىمى خاۋكىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئالدىغا تىزىلغان. گەرچە ئۇ دۇنيا بويىچە تىزىلغان تىزىملىكتە 4-ئۇزۇندا تۇرغان بولسىمۇ بىراق جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى تىزىملىكتە 7-ئۇزۇندا تۇرغان.
5. ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر تىنچلىق قوغدىغۇچى شەخس مىلالە
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، 17 ياشلىق بۇ قىز بۇ قېتىمقى باھالاشتا ئەنجىلىنا جۇلىدىن كېيىنلا تۇرغان.
6. ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال پادىشاھ- ئېلزابىت Ⅱ
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت Ⅱ بولسا ھازىر ھايات پادىشاھلار ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭ پادىشاھ، بۇ تىزىملىكتە ئاياللار ئىچىدە 4-ئورۇنغا تىزىلغان.
7. باشقىلار
بۇلاردىن باشقا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېلىنتون تىزىملىكتە ئاياللار ئىچىدە 3-ئورۇنغا تىزىلغان، كىشىلەر ئۇنى ئەركىن دۇنيانىڭ كېيىنكى قېتىملىق رەھبىرى بولالامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىگە بەكرەك قىزىقىدۇ.
بۇ قېتىملىق باھالاشتا، جۇڭگو، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، پاكىستان، نىگېرىيە، مىسىر، تايلاند، سەئۇدى ئەرەبىستان، مالايسىيا، ئاۋسترالىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سىنگاپور ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت-رايۇنلاردا توردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلار پەقەت بۇ دۆلەت-رايونلاردىكى تورداشلارنىڭ پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، باشقا دۆلەتلەردە تەكشۈرۈش بىر نەچچە خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ شۇ دۆلەتتىكى ئاممىنىڭ پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.