باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئەتتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى پەيشەنبە
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

ئەنجىلىنا جۇلى «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال» بولۇپ باھالاندى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-07 11:36:03

‹‹ئەنجىلىنا جۇلى «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال» بولۇپ باھالاندى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

\
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-فېۋرال خەۋىرى: ئەنگلىيە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى YouGov ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئايال چولپان ئەنجىلىنا جۇلى ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابىت II، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مالالا ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننى يېڭىپ «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال» بولۇپ باھالاندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، YouGov پۈتۈن دۇنيادىكى 32 دۆلەتتە جەمئىي 25 مىڭغا يېقىن ئادەمنى زىيارەت قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، فىلىم نازارەتچىسى، ئالتە بالىنىڭ ئانىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى ئەنجىلىنا جۇلى  «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
بۇ تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 2014-يىللىق تىنچلىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، پاكىستانلىق قىز مالالا ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابىت، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى مېچىل قاتارلىقلار تىزىلغان. ئەمما ئەنگلىيەدە ئايال پادىشاھ ئېلزابىت يەنىلا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال ئىكەن.
تۆۋەندىكىلەر YouGov ئېلان قىلغان «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاياللار رەت تەرتىپى» دىكى ئالدىنقى 10 ئايال:
1. ئەنجىلىنا جۇلى (Angelina Jolie)
2. مالالا يۈسۈفزاي (Malala Yousafzai)
3. ھىلارى كىلىنتون (Hillary Clinton)
4. ئېلزابىت II (Queen Elizabeth II)
5. مېچىل ئوباما (Michelle Obama)
6. سېلىن دىيون (Celine Dion)
7. ئوپراھ ۋىنفرەي (Oprah Winfrey)
8. جۇلىيا روبېرتىس (Julia Roberts)
9. ئاڭسەن سۇكى (Aung San Suu Kyi)
10. ئانجىلا مېركول (Angela Merkel)


بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2