ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى-جىن-تاڭ دەۋرلىرىدىكى قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جامائەت قەبرىستانلىقى بولۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدىكى ئاستانە كەنتىنىڭ شىمالىغا ۋە قاراخوجا كەنتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.
جەنۇب تەرىپى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. كۆلىمى شەرقتىن غەربكە بەش كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ.
1959- يىلىدىن1975-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزېيى 13 قېتىم ئارخىئولوگىيىلىك قېزىپ،400 يىلنامە بار مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان بولۇپ، بۇلار غەربىي جىننىڭ تەيشى 9 يىلى ( 273 - يىلى ) دىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ جيەنخۇڭ 3 - يىلى ( 782 - يىلى ) غىچە توغرا كېلىدۇ.
قەدىمكى قەبرىلەر جىن،چۈ جەمەتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قوچو ئۇيغۇر خانلىقى،تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوچو ئايمىقى مەزگىللىرىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى مەزگىلگە كەلگەندە تەۋە قەبرىلەر يانتۇ قەبرە يولى بار توپا ئۆڭكۈرلۈك قەبرىلەر. ئۇلارنىڭ لەھىتى تەكشى، قەبرە يولى قىسقىراق بولۇپ، ئاساسەن تەكشى بولمىغان پەلەمپەي شەكلىدە.ئىككىنچى خىل شەكىلدىكىسى تىك ئازگاللىق يان لەھەتلىك قەبرىلەر بولۇپ ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك تىك ئازگالنىڭ بىر تەرىپىگە يان لەھەت ئىككىتەرىپىگە يۇقۇرى -تۆۋەن ماس كەلگەن لەھەتلەر كولانغان.ئىككىنچى مەزگىلگە تەۋە لەھەتلەرنىڭ تېمى سىرتىغا يايسىمان كۆپتۈرۈلگەن،تورۇسى تۈز ۋە يۇمۇلاق چىقىرىلغان ، قەبرىلەرنىڭ قەبرە يولى ئۇزارتىلىپ،پەلەمپەيلىرى يوقۇتىلغان . ئۈچىنچى مەزگىلگە تەۋە قەبرىلەرنىڭ تۈزۈلىشى ئاساسەن ئىككىنچى مەزگىلدىكىلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ ،پەقەت لەھەتلەرلا بارغانسېرى چوڭايتىلىپ، قەبرە يولى تېخىمۇ ئۇزارتىلغان. يانتۇ قەبرە يولى بار ئۆڭكۈرسىمان قەبرىلەردىن بېزەك رەسىملەر بايقالغان. بۇ رەسىملەردە قەبرە ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تۇرمۇش ئەھۋالىئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بەزى قەبرىلەرنىڭ تورۇسىغا ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەر كۆرۈنۈشى سىزىلغان.
قەبرە ئىچىدىكى جەسەتلەر بورا ئۈستىگىلا ياتقۇزۇلغان بولۇپ،دەپنە جابدۇقلىرى ئاز ئۇچرىغان.بىرىنچى،ئىككىنچى مەزگىللەردە ياغاچ جەسەت ساندۇقى ئىشلىتىلگەن،ئۈچىنچى مەزگىلدە جەسەت ساندۇقى ئاز ئۇچرىغان.قەغەز جەسەت ساندۇغىمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ،بۇ ئارخېئولوگىيە تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان،ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
دەپنە قىلىش شەكلىدىن قارىغاندا ،جەسەتلەرنىڭ ھەممىسى پۇت-قوللىرى تۈزلەپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان،ئاز ساندىكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ،كۈلى خالتا ياكى كىچىك جەسەت ساندۇقىغا سېلىنىپ،ئاتا - ئانىلىرىنىڭ يېنىغا قويۇلغان.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى قەبرىلەر ئوغرىلىنىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، شۇنداقتىمۇ قېزىۋېلىنغان بۇيۇملار ئىنتايىن كۆپ.ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە ئىشلىتىلگەن يىپەك،پاختا، كەندىر ، يۇڭ توقۇلمىلار بار بولۇپ يىپەك توقۇلمىلاردىن توقۇلغان كىمخاپ،دارايى،گۈللۈك دۇردۇن،نېپىز شايى، ھىللە قىسىش تاختىسى بىلەن گۈل بېسىلغان گۈللۈك يىپەك توقۇلمىلار بار.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە مىڭ پارچە ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ھۆججەت،كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ساپال بۇيۇملار،ياغاچ بويۇملار،يېمەك-ئىچمەككە ئىشلىتىلىدىغان جۇۋاۋا،ئۈگرە ،پرەنىك سېلىنغان ھىجىر،تاۋاق،كومزەك ،لاي ھەيكەل،ياغاچ ئويما ھەيكەللەرمۇ بار بولۇپ،شۇ دەۋىر مەدىنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان.
قېزىۋېلىنغان بۇ مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى غۇزلار،ھۇنلار،تۈركلەر،قاڭقىللارقاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماتىرياللارنىڭ بىرى.ئۇلار قوچونىڭ ئۈچىنچى ئەسىردىن سەككىزىنچى ئەسىرگىچە ۋاقىتتا بولغان سىياسىي،ئىقتىسادىي ئەھۋالى،مىللەتلىرى،مەدىنىيىتى ھەمدە ئىچكىرى رايونلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم يىپ ئۇچى بولغان.مەزكۇر قەبرىستانلىق 1988 - يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزەلگەن.
ئاستانە قەبرىستانلىق ئادەتتە بىر پۈتۈن قەبرىستانلىق بولۇپ،كېيىنكى دەۋرلەردە قوچو قەدىمكى شەھىرى خاراپلاشقاندىن كېيىن قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۆي سېلىنىپ،يول ياسىلىپ، بىنەم ئېچىلىپ يەر تېرىلغان.شۇنىڭ بىلەن قەبرىستانلىق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.