باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

دۇنيانىڭ كىنوچىلىق مەركىزى - ھوللىۋود

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-01-22 13:53:16

‹‹دۇنيانىڭ كىنوچىلىق مەركىزى - ھوللىۋود›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

\
ھوللىۋود (Hollywood) – ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز بويىدىكى كالفورنىيە ئشتاتى لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بىر جاي. ھوللوۋودنى ئەسلى مەنزىرە سۈرەت تارتماقچى بولغان فوتوگرافلار بايقىغان، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇ جاي نۇرغۇن فوتوگرافلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. كېيىنچە چوڭ شىركەتلەرنىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىچىك شىركەتلەر ۋە مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ، بىر كىنوچىلىق مەركىزىنى شەكىللەندۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە، داۋىد گرايفىس، چارلىز چاپلىن قاتارلىق ئۇستاز سەنئەتكارلار ئامېرىكا كىنوچىلىقىنى دۇنياۋىي نوپۇزغا ئىگە قىلغان، ۋال كوچىسىدىكى پۇلدارلارمۇ كىنوچىلىق ساھەسىگە قول تىقىشقا باشلىغان. ھوللىۋود كىنو شەھىرى بۇنىڭ بىلەن قالتىس گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. زور مەبلەغ، يۇقىرى تېخنىكا ئاساس قىلىنغان كىنولار ئامېرىكا ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھوللىۋودمۇ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
\
ھوللىۋود دۇنيا مودا ئېقىمنىڭ مەنبەسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيانىڭ مۇزىكا، كىنو ئىشلەپچىقىرىش مەزكىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھوللىۋودتا دۇنياۋىي نوپۇزغا ئىگە كىنوچىلىق شىركەتلىرىدىن «چۈش زاۋۇتى»، «دېسنى»، «20- ئەسىردىكى فوكىس(تۈلكە)»، «كولومبىيە»، «سونى»، «يەر شارى»، «ۋارنېر بۇرادەرلەر»  قاتارلىق ماگىناتلار ۋە يەنە داڭلىق پىلاستىنكا شىركەتلىرى بار. بۇ جايدىكى تۈرلۈك كەسىپلەر بىر-بىرىنى شەرت قىلغان ھالەتتە تەڭ تەرەققىي قىلىدۇ.
ھوللىۋودقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، ئوخشىمىغان سەۋىيە، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى رېژىسسور، سىنارىست، چولپانلار ۋە ئۈنۈمچىكلار توپلاشقان.
\
ھازىرقى ھوللىۋود ھاياتىي كۈچكە تولغان، رەڭگارەڭ مودىلار مۇجەسسەملەنگەن بىر شەھەر رايونى. ھوللىۋود مەيلى ئامېرىكا ياكى دۇنيا مىقىياسىدا بولسۇن، ئاللىقاچان بىر سىموۋوللۇق بەلگىگە ئايلاندى.
تام كروس، برەد پىت، ۋېل شىمىس ۋە جوننىي دىپ قاتارلىق چولپانلار «ھوللىۋودتىكى تۆت خاقان» دەپ ئاتىلىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号