باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! چۈشلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى جۈمە
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

يەتتە قىزلىرىم

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-17 17:12:50

‹‹يەتتە قىزلىرىم›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !



يەتتە قىزلىرىم سۆرەتلىرىيەتتە قىزلىرىم سۆرەتلىرى

يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچ تۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مۆلجەر تاغ باغرىنىڭ شىمالى يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رېشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخى مەنبەلەردىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى  چىيەنلۇڭنىڭ 30 - يىللىرى ( مىلادى 1765 - يىلى ) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۇز بەرگەن ئاكا - ئۇكا رەخمەتۇللا ۋە ئەسمەتۇللا باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى ( جىگدە يېغىلىقى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر .
ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە يىرىم يىلدىن كۆپرەك  ۋاقىت چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئىلىشىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇچتىن بىرى قىرغىن قىلىنىدۇ ، 10 مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ ، بارلىق بالايى ئاپەت يۇرتتا قالغان قىزلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ . ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ ۋە ھاكىمبەگ ئابدۇللا ۋەكىللىكىدىكى مانجۇ ھۇكۇمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن دەھشەتلىك يۇرگۇزۋاتقان زۇلۇمغا  چىدىمىغان بىر تۇركۇم ئەر - ئايال ئاخىرى رەخمەتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ تاغ ، جىلغا ، ئۇرمانلىقلاردا يۇشۇرۇن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىدۇ . مانا بۇ تارىختىكى << مايسىخان جىڭى >> .
ئېيتىلىشچە بۇقىتىمقى جەڭ ئۇچ ئاي داۋام قىلىپ ، مايسىخان بىلەن غۇنچە قىز باشچىلىقىدىكى يەتتە نەپەر ئايال دۇشمەننىڭ قۇرشاۋىدا قىلىپ ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بىلىدۇ . كىيىن كىشىلەر بۇ يەتتە نەپەر قەھرىمان قىزلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن مۇلجەر تىغىنىڭ غەربىي شىمالىغا << يەتتە قىز مەقبەرىسى >> نى ياساتقان ئىكەن .
1942 - يىلى ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بۇلۇپ تۇرغان لۇجى ( ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بۇلغان ) يازغان << ئۇچتۇرپاندىكى ئاسارى - ئەتىقىلەر ۋە جۇڭگۇ - رۇسيە چىگرىسى تۇغرىسىدا ئىزاھات >> دىگەن ماقالىسىدە : << يەتتە قىزىم مەقبەرىسى مۇسۇلمانچە ياسالغان ، ئۇستى يىپىقلىق ، بۇ مەقبەرنى ئۇيغۇرچە يەتتە قىزلىرىم دەپ ئاتايدۇ ، مەقبەرەنى بىر شەيىخ ساخلايدۇ ، ھازىرغا قەدەر  ئۇيغۇر كىشلىرى كىلىپ مال ئۇلتۇرۇپ نەزىر بېرىدۇ . ئاياللار دۇئا تىلاۋەت قىلىپ يىغا - زار  قىلىشىدۇ ، بۇ ئۇچتۇرپاندىكى مۇھىم ئاسەر ئەتىقىلەرنىڭ بىرى >> دەپ كۆرسەتكەن .
دىمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى 20 - ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپكار ۋە زىيارەتگاھ بۇلۇپ كەلمەكتە ، بۇ تاۋاپكار ناھىيە دەرىجىلىك مۇھىم قۇغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكار ئۇرنى قىلىپ بىكىتىلگەن .

يەتتە قىز مەقبەرىسىيەتتە قىز مەقبەرىسى


يەتتە قىزنىڭ ئىسمى : مايسىخان ، غۇنچە قىز ، دىلبەر قىز ، زۇھرە گۇل ، قەمبەرنىسا ، گۇلئايىم ، ئەختەرنىسا .
يەتتە قىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن نوچىسى يەنە مايسىخان . قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھىچكىم يەتمەيدۇ . قايماقتەك سۇزلەپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچ - باغرىنى مۇمىيادەك يۇمشىتىۋىتىدىغان غۇنچە قىز ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ زۇۋاندازلىرىدىن ، چىچەنلىك ۋە ھازىر جاۋاپلىقتا ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ . 
كۇپ ۋاقتىنى گۇزەل خىياللارنى سۇرۇش بىلەن ئۇتكۇزىدىغان ئۇيچان قىز دىلبەرنىڭ شائىرلىق ماھارىتىگە ھەممەيلەن تاڭ قالىدۇ . ئۇ ئۇيغا پاتقان چاغلىرىدا يىگىتلەرنىڭ كۇزىگە باشقىچە ئۇماق كۇرىنىپ كىتىدۇ .
چىرايىدىن تاڭدىكى چۇلپاندەك نۇر تۇكۇلۇپ تۇردىغان زۇھرە گۇل تەققى - تۇرقى تۇپتۇز ئۇسكەن شەمشاتنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بۇيلۇق قەمبەرنىسا . بۇلاقتەك كۇزلىرى يىگىتلەرنى چۇكتۇرۇۋېتىشكە ئاران تۇرىدىغان شەھلا كۇزلۇك گۇل ئايىم ، دىللارنى چاڭ كەلتۇرۇپ ناخشا تۇۋلاپ تايچاقتەك قىيغىتىپ ئۇيناشقا ئادەتلەنگەن بۇيى ئۇسسىمۇ بالىلىق مىجەزى ئۇسمىگەن ئەركە قىز ئەختەرنىسالارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۇز ئارتۇقچىلىقلىرى بار .

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2