كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى:
دەسلەپتە بۇغا موزىيىنىڭ يېتىلىشى كېچىكىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، يەم - خەشەك چاينىشى كۈچسىز بولىدۇ، كۆشەش قېتىم سانى ئازىيىپ، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىدۇ، كېيىن غەيرىي نەرسىلەرنى، يەنى تام ۋە ئوقۇر قاتارلىقلارنى يالاش، غاجىلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا ھەزىم قىلىش فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىپ، ئورۇقلاپ كېتىدۇ. كېسەل بۇغا يېتىۋالىدۇ، ئايرىملىرى تۇيىقىنىڭ ئۈستى بىلەن دەسسەيدۇ ياكى ماڭىدۇ، لېكىن تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىمەيدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالامىتى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ، پۇتلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، مۇسكۇللىرى تارتىشىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئورۇقلاپ كېتىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىنىپ، دەلدەڭشىپ، سۆرىلىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ. قان زەردابىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى ھەر 100 مىللىلىتىردا 10 مىللىگىرامدىن تۆۋەنلەپ، ئىشقارلىق فوسفاتازانىڭ مىقدارى ئۆرلەپ، %17~ %13 كە چىقىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
بۇ كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن، ۋىتامىن D ياسالمىلىرىنى يەمگە ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش، ئاندىن ۋېيدىڭگەي دىن 6 تال، قويۇلدۇرۇلغان بېلىق مېيىدىن 3 تالنى بوغۇزغا ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. كۈندە 2-3 قېتىمدىن ئۇدا 1 ھەپتە بەرسىلا كېسەللىك ئالامىتى تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ، 10 كۈندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىپ، ساغلاملىقى تامامەن ئەسلىگە كېلىدۇ. كېسىلى ئېغىرراقلىرىغا ۋېيدىڭ جياۋشىڭگەي ئوكۇلىدىن 5 مىللىلىتىرنى كۈندە 1 قېتىمدىن 5 كۈن مۇسكۇلغا ئۇرۇش كېرەك. ئاندىن كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر سىرتتا كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇش كېرەك.
ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى:
بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش ئارقىلىق، كېسەللىكنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىككە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بوغاز مارال ۋە سۈت ئېمىۋاتقان موزاينى بېقىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، موزاي قوتىنىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، قەرەللىك ھەيدەپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يېتەرلىك يايلىتىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېتەرلىك يورۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۈندىلىك ئوزۇقىدا كۆپ خىل تەركىب بولۇشقا، ئوزۇقلۇقى تولۇق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ياپونىيەلىك بىر ئەر تاللا بازىرىغا كىرىپ ئىسسىق ئۆتۈشتىن سا...
سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ھەل قىل...
ئامرىكىدا بىر جۈپ ئەر ئايال 100مىڭ ئامرىكا دوللىرى مۇكاپاتلى...
30 يىلدا 700 دىن ئارتۇق غەلىتە ئاپتوموبىل ياسىغان ھىندىستانلى...
10ئۆلكىىدە تېمپىراتورا39سېلسىيە گىرادوسقا،جېجىياڭ سىچۇەنلە...