ساۋاق كېسەللىكى
بۇ ئات، ئېشەك، قېچىرلاردا بولىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يېقىنلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك سەۋەبچىسى مۇشۇ كېسەللىكنىڭ زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسىدىن ئىبارەت. كېسەللىك ئاساسەن 4 ئايلىقتىن 4 ياشقىچە بولغان ياش ماللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى: كېسەل مالنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، بۇرنىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىپ، كېيىن يىرىڭغا ئايلىنىدۇ، ئېڭەك ئاستى لىمفا تۈگۈنى ئىششىيدۇ، تۇتسا ئىسسىق بىلىنىدۇ، ئاغرىق سېزىدۇ، ئېغىز ئالغاندىن كېيىن قىزىتمىسى تۆۋەنلەپ، روھىي ھالىتى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر يۇتقۇنچاق - كېكىردەك لىمفالىرى ۋە ئۆپكە لىمفالىرى يىرىڭداپ قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش: ئادەتتىكى چاغدا چارۋىلارنى بېقىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، زۇكام تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. يىلقا پادىلىرىدا ساۋاق كېسەللىكى كۆرۈلگەندە كېسەل ئاتلارنى دەرھال پادىدىن ئايرىپ داۋالاش ھەم دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. لىمفا تۈگۈنى يېنىك ئىششىپ تېخى يىرىڭلىمىغان بولسا، ياللۇغلانغان ئورۇنغا ئىختىئول سۈركەپ ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئىششىقىنى ياندۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئىششىق تېخى يۇمشىمىغان بولسا ئىختىئول سۈركەپ يىرىڭلىق ئىششىق يۇمشىغاندا يېرىپ يىرىڭنى چىقىرىپ، %0.1 لىك مارگانسۇپ ئېرىتمىسى بىلەن يارىنىڭ ئىچىنى پاكىز يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.
قاتما كېسەللىكى
قاتما كېسەللىكى مۇكىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ جاراھەت ئارقىلىق يۇقۇشىدىن بولىدىغان، ئومۇمىي بەدەن قاتما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ كېسەللىك ئات، ئېشەك، قېچىرلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئادەملەرمۇ يۇقۇملىنىدۇ.
كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى: قاتما مۇكىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى تەبىئەتكە كەڭ تارقالغان بولغاچقا، بۇ خىل كېسەللىك چاچما ھالەتتە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ كېسەللىك ئاساسەن بەدەننىڭ جاراھەت ئېغىزلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ. مەسىلەن، مىخ كىرگەن يارا، سۈركەلگەن يارا، كىندىك يارىسى، قۇلاققا ھالقا ئۇرۇش، ئوپېراتسىيە قاتارلىقلار. كالا، قويلاردا ئات، ئېشەك، قېچىرلارغا قارىغاندا ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ كېسەللىك پەسىل تاللىمايدۇ، ئەمما ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى: كېسەل مالنىڭ مۇسكۇللىرى تارتىشىدۇ، سېزىمچانلىقى كۈچىيىپ چۆچۈپ تۇرىدۇ، كېسەل مال دەسلەپتە چايناشتا قىينىلىدۇ، قاتمال ھالەتتە ئاياغ ئالىدۇ، كېسەللىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ پۈتۈن بەدىنى قېتىپ، مۇسكۇللىرى كىرىشىپ، ئاخىرى قۇيرۇقى كۆتۈرۈلگەن ھالەتتىكى ياغاچ ئاتقا ئوخشاپ قالىدۇ. كېسەللىك كۈچەيگەنسېرى مالنىڭ سېزىمى ئېشىپ، كۈن نۇرى ۋە ھەر خىل ئاۋازلاردىن قاتتىق چۆچۈيدۇ، تىترەيدۇ، تەرلەيدۇ، كۆزلىرى چەكچىيىپ، قۇلاقلىرى دىڭگىيىپ، ئاغزى كىرىشكەن ھالەتتە ئۆلۈپ قالىدۇ.
داۋالاش: بۇ كېسەلنى قانچە بالدۇر داۋالىسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
1. ئالدى بىلەن كېسەل مالنىڭ بەدىنىدىكى يارىنى %0.2 لىك مارگانسوپ ئېرىتمىسى بىلەن پاكىز يۇيۇپ، %5 لىك يود تەگكۈزۈلىدۇ. ئەگەر يارا ئېغىزى پۈتۈپ قالغان بولسا، ئۈستىدىكى قاسراقلارنى ئېلىۋېتىپ، ئېغىزىنى كېڭەيتىپ، ئىچىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. تازىلىغان چاغدا يارىنىڭ ئادەمگە يۇقۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قولغا رېزىنكە پەلەي كىيىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش كېرەك.
2. تۆۋەندىكى رېتسىپ بويىچە دورا ئىچكۈزۈلىدۇ:
1) تيەننەنشىڭ دىن 25 گىرام، چامغۇردىن25 گىرام، جاڭخۇدىن 25 گىرام، پىلە قۇرتىدىن 25 گىرام، قارا يىلاندىن 25گىرام، چاياندىن 25 گىرام، بالدىرغاندىن 50 گىرام، چاكاندىدىن 15 گىرام، ئاسارۇدىن 15 گىرام، قىرىق پۇتتىن 8 دانە ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، 2 قېتىمغا بۆلۈپ كىچىك ۋە ياش ماللارغا 5~4 قېتىمغا بۆلۈپ ئىچكۈزۈلىدۇ، قايناق سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
2) تىتانوس ئانتى توكسىنلىق سىۋرۇتكىسى چوڭ ماللارغا 700~300 مىڭ بىرلىك، كىچىك باللارغا 200~100 مىڭ بىرلىك بويىچە 3 كۈنگە بۆلۈپ كۆك قان تومۇرغا ئوكۇل قىلىنىدۇ. دورا ۋە ئوكۇل سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كېسەل مالنى تىنچ، ئىسسىق، ھىم ۋە قاراڭغۇ ئېغىلغا سولاپ، %2 لىك مارگانسۇپ ئېرىتمىسىنى ئېغىلدا ئوتقا قويۇپ قاينىتىپ، كېسەل مال ھوردىتىپ تەرلەندۈرۈلىدۇ.
3) ئاسراش: كېسەل مالغا يۇمشاق، ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان يەم - خەشەكلەرنى بېرىش ۋە سۇ ئىچكۈزۈپ تۇرۇش ھەم كېسەل مالنىڭ ئاستىغا تۆشەك چۆپ سېلىپ، يارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
ئالدىنى ئېلىش:
1) قاتمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاناتۇكسىننى 3 ياشتىن يۇقىرى چوڭ ماللارغا 6000~1200 بىرلىك، 3 ياشتىن تۆۋەن ماللارغا 6000~3000 بىرلىك بويىچە بويۇن تېرە ئاستىغا يىلدا بىر قېتىم ئوكۇل قىلىپ تۇرۇش كېرەك. قويلارغا 12000~3000 بىرلىك بويىچە ئوكۇل قىلسا بولىدۇ.
2) ماللارنىڭ جاراھەتلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ۋە جاراھەتلەنگەن ھامان ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك. ماللارغا ئوكۇل سالغان، يىڭنە سانجىپ داۋالىغاندا، ئوپېراتسىيە قىلغان، قويلارنى قىرقىغان، ئەن سالغاندا قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.
ياپونىيەلىك بىر ئەر تاللا بازىرىغا كىرىپ ئىسسىق ئۆتۈشتىن سا...
سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ھەل قىل...
ئامرىكىدا بىر جۈپ ئەر ئايال 100مىڭ ئامرىكا دوللىرى مۇكاپاتلى...
30 يىلدا 700 دىن ئارتۇق غەلىتە ئاپتوموبىل ياسىغان ھىندىستانلى...
10ئۆلكىىدە تېمپىراتورا39سېلسىيە گىرادوسقا،جېجىياڭ سىچۇەنلە...