ھازىر، يېزىلاردا كۆپ ساندىكى توخۇچىلىق ئائىلىلىرى يەمنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن توخۇ يېمىنى ئۆزى تەڭشەيدىغان بولدى. بىراق، تەڭشىگەندە چوقۇم تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. توخۇلارنىڭ يېشى، ئېغىرلىقى، پەسىل، تۇخۇم تۇغۇش مىقدارىغا ئاساسەن ھەر كۈنلۈك يەم مىقدارىنى بېكىتىش كېرەك. ئاقسىللىق يەم، ۋىتامىنلىق يەملەردىن ئەڭ ياخشىسى 3~2 خىلى بولۇشى كېرەك.
2. يەم تەڭشىگەندە ھەر بىر خىل يەمنىڭ توخۇغا بولغان تەسىرىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش كېرەك. مەسىلەن، بەزى دان تۈرىدىكى يەملەر ئاق قوناق قاتارلىقلار نى كۆپ بېرىۋەتسە، توخۇلاردا قەۋزىيەت بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ كېپەك قاتارلىق ئىچىنى بوشىتىدىغان يەملەرنى كۆپ بېرىۋەتسە، توخۇلاردا ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئاقسىللىق يەملەر بېلىق پاراشوكى، پۇرچاق كۈنجۈرىسى نى كۆپ بېرىۋەتسە، توخۇلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاقسىلدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. يەمنى تەڭشىگەندىن كېيىن توخۇلارغا نەچچە كۈن بېرىپ، توخۇنىڭ تۇخۇم تۇغۇش مىقدارى ۋە تەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ، يەمنىڭ تەڭشىلىشى توخۇنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلگەن - كەلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ماس كەلمىگەن بولسا، دەرھال ئۆزگەرتىش كېرەك.
4. ئادەتتە يەمنى تەڭشەپ توخۇلارغا ماس كەلگەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولسا، تەدرىجىي ئۆزگەرتىش كېرەك.
داڭلىق چاقچاقچىمىز ھىسام قۇربان ئاكىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر ك...
ئامېرىكىدىكى بىر ژورنال جەۋھەرنىڭ سۈرىتىنى مۇقاۋىسىگە بېسى...
ۋېنسوئېلا زۇڭتۇڭى مارادو ئۆزىدىن 10 ياش چوڭ قىز دوستى بىلەن ت...
چەتئەل تاراتقۇلىرى « بازا تەشكىلاتى سۇرىيەدە ئىسلام دۆلىتى ...
خەلقئارالىق سوت تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان سۇدان زۇڭتۇڭى ۋەت...
ئىسرائىلىيە ئارمىيسى 5 ياشلىق پەلەستىنلىك بالىنى قولغا ئالد...