شوخلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىگە قاراپ ئوغۇت تاللاش: شوخلا مېۋىلەشتىن ئىلگىرى تىمەن ئۆسىدۇ ھەم ئاسانلا بويىغا ئۆسۈپ كېتىدۇ. شۇڭا غول ۋە يوپۇرماقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىزگىنلىگۈچى ئوزۇقلۇق ئوغۇتى ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن: كالىي دى ھىدروفوسفات ، بىرىكمە ئوغۇت قاتارلىقلار. شوخلا چۈشۈش مەزگىلىدە تۈپنىڭ ئۆسۈشى ئاجىزلايدۇ، شۇڭا غول ۋە يوپۇرماقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوزۇقلۇق ئوغۇتىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن: پېنشىباۋ، دالىيۈەن قاتارلىقلار.
ھاۋا رايى ئەھۋالىغا قاراپ ئوغۇت تاللاش: ھاۋا تۇتۇق بولسا فوتوسىنتېز ياخشى ئېلىپ بېرىلماي، شوخلىدا ئاسانلا قەنت يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە يوپۇرماق ئوغۇتىغا شېكەر قوشۇپ پۈركۈسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
قەرەللىك ھالدا كالتسىي ئوغۇتى پۈركۈش: شوخلىنىڭ كالتسىيغا نىسبەتەن ئېھتىياجى يۇقىرىراق بولۇپ، كالتسىي يېتىشمىسە ئاسانلا كىندىك چىرىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا شوخلا چۈشۈش مەزگىلىدە ھەر 7~6 كۈندە 1 قېتىم كالتسىي پۈركۈش كېرەك.
يوپۇرماق ئوغۇتىنى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بىرلەشتۈرۈپ پۈركۈش: پۈركۈپ ئوغۇتلىغاندا كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم يوقىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ پۈركۈسە، دورا پۈركۈش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، پارنىك نەملىكىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
پۈركۈش ئورنىغا ئەھمىيەت بېرىش: يوپۇرماق ئوغۇتىنى يوپۇرماقنىڭ كەينى تەرىپىنى ئاساس قىلىپ پۈركۈش كېرەك. چۈنكى شوخلا يوپۇرمىقى ھاۋا تۆشۈكچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يوپۇرماقنىڭ كەينىدە بولىدۇ، بۇنىڭدا قوبۇل قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش: يوپۇرماق زەخىملىنىش كۆرۈلسە، سۈزۈك سۇ بىلەن ئوغۇت قالدۇقىنى يۇيىۋەتسە ھەمدە يوپۇرماقنىڭ سۇ تەركىبىنى ئاشۇرسا، ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. تۇپراقنىڭ سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، سۇغۇرۇش ئارقىلىق تۈپ تېنىدىكى سۇ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، غول ۋە يوپۇرماقتىكى ئوغۇت قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
داڭلىق چاقچاقچىمىز ھىسام قۇربان ئاكىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر ك...
ئامېرىكىدىكى بىر ژورنال جەۋھەرنىڭ سۈرىتىنى مۇقاۋىسىگە بېسى...
ۋېنسوئېلا زۇڭتۇڭى مارادو ئۆزىدىن 10 ياش چوڭ قىز دوستى بىلەن ت...
چەتئەل تاراتقۇلىرى « بازا تەشكىلاتى سۇرىيەدە ئىسلام دۆلىتى ...
خەلقئارالىق سوت تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان سۇدان زۇڭتۇڭى ۋەت...
ئىسرائىلىيە ئارمىيسى 5 ياشلىق پەلەستىنلىك بالىنى قولغا ئالد...