1. مۇسكۇلغا ئوكۇل ئۇرۇش
ئادەتتە، قويغا ئوكۇل ئۇرۇشتا ئىككى ئورۇن مۇۋاپىق كېلىدۇ. بىرى، قوي ساغرىسىدىكى ئۈچ بۇرجەك ئورۇن، يەنى سۆڭگەچتىن قۇيرۇق تۈۋىگىچە بولغان ئۈچ بۇرجەك ئورۇن. يەنە بىرى، بوينىدىكى مۇسكۇل بىرقەدەر قېلىن بولغان ئورۇن. ئوكۇل ئۇرغاندا بىرەيلەن قوينى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش، ئەڭ ياخشىسى قوينى بۇلۇڭغا قىستاپ تۇرۇش، ئوكۇل ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىسپىرت ياكى يود بىلەن ئوكۇل ئۇرىدىغان ئورۇننى پاكلاش كېرەك. ئىشپرىسنى ئوڭ قولدا تۇتۇپ، ئوكۇل ئۇرىدىغان ئورۇندىكى مۇسكۇلغا يىڭنىنى سانجىپ، ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى ئاستا - ئاستا ماڭغۇزسا بولىدۇ.
2. سوقماس تومۇرغا ئوكۇل ئۇرۇش
بۇنىڭدا بويۇندىكى سوقماس تومۇرغا ئوكۇل ئۇرۇلىدۇ. قوي ئاستى جاغىنىڭ ئارقىسىنى بويلاپ بوينىنىڭ يان تەرىپىدە بويۇن سوقماس تومۇرىنى سىلاپ بىلگىلى بولىدۇ. قايچا بىلەن بوينىدىكى يۇڭنى قىرقىۋېتىپ، تېرىسىنى پاكلاپ، سول قولنىڭ باشمالتىقى ياكى بېگىز بارماق بىلەن يۈرەك تەرەپتىن سوقماس تومۇرنى بېسىپ، تومۇر كۆپۈپ چىققاندا ئوڭ قول بىلەن يىڭنىنى تومۇرغا تۈز سانجىپ، يىڭنىگە قان يانغاندا ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى ماڭدۇرسا بولىدۇ. ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى بەك تېز ماڭغۇزماسلىق كېرەك.
3. تېرە ۋە تېرە ئاستىغا ئوكۇل ئۇرۇش
تېرە ۋە تېرە ئاستىغا ئوكۇل ئۇرۇش كۆپىنچە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللىنىلىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
تېرە ئاستىغا ئوكۇل ئۇرۇش: بۇ ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى تېرە بىلەن مۇسكۇل ئارىلىقىغا ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىنچە قوينىڭ بوينى ياكى يوتىسىنىڭ ئىچ تەرىپىدىكى تېرە توقۇلمىسى يۇمشاق ئورۇنغا ئۇرۇلىدۇ. ئوكۇل ئۇرغاندا سول قول بىلەن تېرىنى چىمدىپ تارتىپ تۇرۇپ، ئوڭ قولدا ئىشپرىسنى تۇتۇپ يىڭنىنى يانتۇ سانجىپ كىرگۈزۈپ ئۇرسا بولىدۇ. ئوكۇل ئۇرغان ئورۇن ئازراق كۆپۈپ چىقىدۇ.
تېرىگە ئوكۇل ئۇرۇش: بۇ ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى تېرە ئىچىگە ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا تېرە ئاستىغا ئۇرغاندىنمۇ تېيىز ئۇرۇلىدۇ. ئۇسۇلى تېرە ئاستىغا ئۇرغان بىلەن ئوخشاش.
داڭلىق چاقچاقچىمىز ھىسام قۇربان ئاكىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر ك...
ئامېرىكىدىكى بىر ژورنال جەۋھەرنىڭ سۈرىتىنى مۇقاۋىسىگە بېسى...
ۋېنسوئېلا زۇڭتۇڭى مارادو ئۆزىدىن 10 ياش چوڭ قىز دوستى بىلەن ت...
چەتئەل تاراتقۇلىرى « بازا تەشكىلاتى سۇرىيەدە ئىسلام دۆلىتى ...
خەلقئارالىق سوت تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان سۇدان زۇڭتۇڭى ۋەت...
ئىسرائىلىيە ئارمىيسى 5 ياشلىق پەلەستىنلىك بالىنى قولغا ئالد...