دان ئايرىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشتە بىلىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار

0 2013-07-18 12:47:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      1. دان ئايرىش ماشىنىسىنى قېلىنلىقى تەكشى بولغان ياغاچ جازىغا ۋىنتا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئۈزچاتىلنى بىخەتەر، مەشغۇلاتقا قۇلايلىق ئورۇنغا ئورنىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىزېل ماتورنى مۇستەھكەم مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى تاسما چاق مەركىزىنىڭ ئارىلىقىنى m2.0~1.5 قىلىش كېرەك.
      دان ئايرىش ماشىنىسىنىڭ سامان چىقىش ئېغىزى تەبىئىي شامال يۆنىلىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك بولۇش، دىزېل ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قىلغاندا، دىزېل ماتورنى سامان چىقىش ئېغىزىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئورنىتىش كېرەك. ماتېرىيال كىرگۈزۈش ئېغىزى ئالدىغا ئېگىزلىكى مۇۋاپىق ئۈستەل قويۇپ، ماتېرىيال كىرگۈزۈشكە قۇلايلىق يارىتىش كېرەك.
      2. ئىشلىتىش قوللانمىسىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تاسما چاقنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن، بۇغداي دېنىنى ئايرىغاندا ئېلېكتىر ماتور تاسما چاقىنىڭ سىرتقى دىيامېتىرى mm120، تولۇق تاسما چاقنىڭ mm135 بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
      مەشغۇلاتتىن ئىلگىرى ھەرقايسى ئوق قازانلارغا سىلىقلاش مېيى سۈرۈش، ماشىنا ئىچىدە غەيرىي نەرسىلەر بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، ھەرقايسى چاتما بولتىلارنى چىڭىتىش كېرەك. تاسما چاقنى ئايلاندۇرۇپ، غەيرىي ئاۋاز بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، غەيرىي ئاۋاز بولسا رېمونت قىلىش، ئاندىن سىناق قىلىپ قوزغىتىپ بېقىش، نورمال بولسا مەشغۇلات قىلىش كېرەك.
      3. ماتېرىيال نەملىكى ۋە ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا ئاساسەن، كىرگۈزۈش مىقدارىنى بەلگىلەش كېرەك. ئەگەر دان كۆپ پۇچۇلۇپ كەتسە، تۇلۇق بىلەن پېتىنقى تاختىنىڭ ئارىلىقىنى چوڭايتىش، تۇلۇق تاسما چاقىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.
      ماتېرىيالنى بىر تۇتام - بىر تۇتامدىن كىرگۈزۈش، ئەگەر ماتېرىيال يۆگىلىشىۋېلىش، كەپلىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ماشىنىنى دەرھال توختىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
      4. مېتال، ياغاچ پارچىسى، تاش قاتارلىق قاتتىق نەرسىلەرنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ماشىنىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئادەم يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر قېتىم مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرنەچچە مىنۇت قۇرۇق ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن توختىتىش كېرەك.
      ئوت -چۆپ توغراشقا ئىشلەتكەندە، ئالدى بىلەن ئۈستۈنكى قاپقاق ۋە پېتىنقى تاختىنىڭ ئىككى ئاسما دەستىسىنى ئېلىۋېتىپ، پېتىنقى تاختىنىڭ بىر تەرىپىنىmm50 ئەتراپىدا تارتىپ چىقىرىپ، كۆزلەر بويىچە توغراش پىچىقىنى ئوخشاش يۆنىلىشتە قۇراشتۇرۇپ، ئاندىن كىرگۈزۈپ، يەنە بىر تەرىپىگىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا توغراش پىچىقىنى قۇراشتۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئاسما دەستىنى ۋە ئۈستۈنكى قاپقاقنى قۇراشتۇرسا بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر