ئۆي قۇشلىرىغا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى

0 2013-07-18 12:13:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      1. بۇرۇن، كۆز، ئېغىزىغا ۋاكسىنا تېمىتىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى 42 سائەت ئىچىدە پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەشكە، بولۇپمۇ ئىچىملىك سۈيىنى دېزىنفېكسىيەلەشكە بولمايدۇ؛ ئىچىملىك سۈيىگە ئەڭ ياخشىسى باكتېرىيەسىز دىستىللەنگەن سۇ ئىشلىتىش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئالدىدىكى 3~2 سائەت ئىچىدە سۇ بېرىشكە بولمايدۇ. ئەگەر تۇرۇبا سۈيى بېرىشكە توغرا كەلسە، 2 سائەت تىندۇرۇپ، ھەر 10 لىتىر سۇغا 50 گىرام قايمىقى ئايرىۋېلىنغان سۈت پاراشوكىنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. ۋاكسىنا قوشۇلغان سۇنى 1 سائەت ئىچىدە توخۇلارغا ئىچۈرۈپ بولۇش كېرەك؛ تۆمۈر قاچا ئىشلەتمەي، سۇلياۋ ياكى چاقچۇق قاچا ئىشلىتىش كېرەك.
      2. قانات ئاستىغا توخۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە، ۋېنا تومۇرغا يېقىن بولۇپ قالماسلىقى ھەمدە 7~6 كۈنگىچە كۆزىتىپ قىزغۇچ ئىششىق بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر ئىششىق بولسا ئىممونلاش ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، ئىششىق بولمىسا ئىممونلاش ئۈنۈمسىز بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
      3. ياغسىمان ئېمۇلسىيەلىك ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى ئۆي قۇشلىرىنىڭ بويۇن تېرىسى ئاستىغا ئەملەش كېرەك. سول قول بىلەن بويۇننى تۇتۇپ، ئۈستىدىن ھېسابلىغاندا 3/2 قىسمىدىكى ئورۇنغا يىڭنىنى ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ ئۇدۇل سانجىسا بولىدۇ. ۋاكسىنىنى ئەملەپ بولغاندىن كېيىن يىڭنە ئورنىنى بېسىپ، ۋاكسىنىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
      4. ئىممۇنلاش مەزگىلىدە ئۆي قۇشلىرىدا باشقا تەسىرلەر پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىممۇنلاش ئالدىدىكى 2 كۈندە ئۆي قۇشلىرىغا ئېلېكترولىزلىق كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە باشقا سىرتقى تەسىرگە تاقابىلچان دورىلارنى بېرىش كېرەك. تۇمشۇقىنى كېسىشنىڭ ئالدىدا ۋىتامىن K ۋە C نى يېگۈزۈش كېرەك.
      5. ۋاقتى ئۆتكەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ماركىسى يوق ۋاكسىنىلارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر