1. يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلارنى ئاممونىي نىترات شياۋئەن بىلەن ئوغۇتلىماسلىق كېرەك. يېسىۋېلەك، بۇغداش، كەرەپشە، كاللەكبەسەي قاتارلىقلارغا ئاممونىي نىترات ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئاسانلا كىسلاتا ھالەتتىكى ئازوت ئوغۇتىنى سۈمۈرىدىغان بولغاچقا، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئاممونىي نىترات ئوغۇتىنى ئىشلەتسە، پۈتۈنلەي دېگۈدەك نىترات كىسلاتا تۇزى ئىئونلىرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ، بۇنى ئىستېمال قىلسا بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا توپلانما خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. كۆكتاتلارنى ئۇرېيە بىلەن ئوغۇتلاپ بولۇپلا سۇغۇرماسلىق كېرەك. ئۇرېيە تەركىبىدىكى ئامىدلىق ئازوت تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزملار ئاجرىتىپ چىقارغان ئۇرېئازانىڭ فۇنكسىيەسى ئاستىدا ئاممونىي كاربونات ياكى ئاممونىي ھىدرو كاربوناتقا ئايلانغاندىلا، ئاندىن كۆكتات يىلتىزى سۈمۈرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇرېيە بىلەن ئوغۇتلاپ سۇغارسا ياكى يامغۇر ياغسا، ئامىدلىق ئازوت ئېقىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇرېيەنى ئاساسىي ئوغۇت ياكى قوشۇمچە ئوغۇت قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئوغۇتلاپ 6~ 5 كۈندىن كېيىن سۇغۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا زىياننىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3. ئاممونىي سۇلفىد ليۇئەن نى كۆكتاتلارغا تەكرار ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كىسلاتالىق تۇپراق ياكى ھاكلىق تۇپراقلىق كۆكتات ئېتىزىغا ئاممونىي سۇلفىدنى تەكرار ئىشلەتسە، كىسلاتالىق تۇپراقنىڭ كىسلاتالىقى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆكتاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، سۈپىتى ۋە مەھسۇلاتى كېمىيىپ، ئىقتىسادىي قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
4. كۆكتاتلىق قۇرغاق بولسا ئاممونىي كاربونات بىلەن ئوغۇتلىماسلىق كېرەك. ئاممونىي كاربوناتنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ، ئاسان پارلىنىدۇ. كۆكتاتنى ئاممونىي كاربونات بىلەن ئوغۇتلىغاندا، مەيلى ئاساسىي ئوغۇت بولسۇن ياكى قوشۇمچە ئوغۇت بولسۇن، ئېتىزنىڭ نەملىكى ياخشى بولغان ئەھۋالدا ئوغۇتلاش ھەمدە ئوغۇتلاپ بولۇپ كۆمۈۋېتىش كېرەك. ئەگەر ھاۋا بەك قۇرغاق بولۇپ، چوقۇم ئاممونىي كاربونات بىلەن ئوغۇتلاش زۆرۈر بولۇپ قالسا، سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش ياكى ئوغۇتلاپ بولۇپ سۇغۇرۇش كېرەك.
5. يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلارغا يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئازوت ئوغۇتىنى پۈركۈمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۇرېيە، ئاممونىي سۇلفات قاتارلىقلارنى يوپۇرماققا پۈركۈسە، گەرچە يوپۇرماق يېشىل، رەڭگى چىرايلىق تۇرسىمۇ، ئەمما يوپۇرماقتىكى تۇز تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
6. پارنىك كۆكتاتلىرىنى قويۇقلۇقى بىرقەدەر يۇقىرى ئاممونىي ھالەتتىكى ئوغۇت ئەنتەيدەنفېي بىلەن ئوغۇتلىماسلىق كېرەك. پارنىك ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، قويۇقلۇقى يۇقىرى ئاممونىي ھالەتتىكى ئازوت ئوغۇتى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك شارائىتىدا تۇپراق ئېنزىمىنىڭ فۇنكسىيەسىدە پارچىلىنىپ، ئاممىياك گازىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ھەتتا كۆكتاتنى ئاممىياك بىلەن زەھەرلەپ، سۈپىتى ۋە مەھسۇلاتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.