يادىكارلىقلىرىمىزدا ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەسۋىرىدىكى گېئومېتىرىك ئۇقۇملار ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

0 2013-07-15 11:01:57   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قەدىمقى لوپنۇر - كىروران لىنىيەسىدە بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز 02 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە چەت ئەل ئالىملىرى ۋە ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن قېزىلىپ، تەتقىق قىلىنىپ مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلاردىكى تەسۋىرىي سەنئەت، شەكىل ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىشلىتىلىشى ئەينى دەۋردە ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.
      20 - ئەسىرنىڭ 30 ~ 20 - يىللىرى شىۋېتسىيەلىك ئارخېئولوگ فولك بېرگمان قەدىمكى كىروران، لوپنۇر رايونىدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ سىتەيىن ئېلىپ كەتكەن بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن ئۆزى تاپقان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يازغانشىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى دېگەن ئەسىرىدە، »ئۆستەڭ« 5 - نۇمۇرلۇق قەبرىستانلىقىنى مەركەز قىلغان ئاساستا قەدىمقى كىروران، لوپنۇر مەدەنىيەتىنى تەپسىلىي، مۇپەسسەل بايان قىلغان. بېرگماننىڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈشى ۋە قەلەم تەۋرىتىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەنبە قىلغان بۇ كاتتا ئەسەر، چەت ئەل ئارخىپخانىلىرىدا ۋە مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملىرىمىزنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارانى ھەيران قالدۇردى. ئارخېئولوگ بېرگمان 5 - نۇمۇرلۇق قەبرىستانلىقنى مەركەز قىلىپ، بايقىغان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىندىلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق كۆزەتتى، قەدىمكى كىروران، لوپنۇر رايونىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى، مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق سەنئەت، يۇقىرى ماھارەت بىلەن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئۇنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ھەيران قالغىنى بۇ بۇيۇملاردىكى گۈل - نۇسخىلارلا بولۇپ قالماستىن، ئەينى دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەقىل - پاراسىتى ۋە سەنئەت ئېڭى ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بىز بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزغا چېكىلگەن مەدەنىيەت تەسۋىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىپتىدائىي ماتىماتىكىلىق ئۇقۇمنى بايقىيالايمىز.
      ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ماتېماتىكا بارلىق پەنلەرنىڭ ئاساسى. ئۇ تېبابەتچىلىك، ئاستىرونومىيە، كالېندارچىلىق، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، نەققاشلىق، قول - ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ھەر خىل ئۆلچەم بىرلىكلىرىدىن ئىبارەت ئىنسانلار مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ نازۇك تەرەپلىرىگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىدراك بۇلىقىنى ئېچىش، تەبىئەتنى چۈشىنىش ۋە ئۆزگەرتىش جەھەتتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. قەدىمكى زاماندا ياشاپ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي ھالەتتىكى ئاددىي تاش قۇراللارنى، قوپال ۋە نازۇك سەنئەت بۇيۇملىرىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئەمگەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش ھەم ئىشلىتىش جەريانىدا ئىپتىدائىي سان - سېفىر، ھەر خىل گېئومېتىرىك شەكىللەر ۋە ئالاقىدار ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ياكى بۇ خىل ئاڭ ئۇلارنىڭ تەپەككۇر چوڭقۇرلىقىدا يىلتىز تارتقان.
      ئۇزاق يىللىق تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ماتېماتىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە ئۇقۇم قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە بىخ ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ راۋاجلانغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا يالغۇز سان ئۇقۇمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە نۇرغۇن گېئومېتىرىيەلىك شەكىل ۋە باشقا ئالگېبرالىق مەسىلىلەرنىمۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەن. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە كىشىلەر تاڭ سەھەردە ئوۋغا چىققاندا قىپقىزىل قۇياشنى، كەچتە تولون ئاينى مۇقەددەس بىلگەن ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىپتىدائىي چەمبەر ئۇقۇمى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئۇلار قۇياش ۋە ئايغا تەقلىد قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كېگىز ئۆيلىرىنى، كۆمۈش پۇللىرىنى، قازان - قۇمۇچلىرىنى چەمبەر شەكلىدە ياساپ چىققان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىندىلار ئىچىدە چەمبەر شەكىللىك بۇيۇملار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ (مەسىلەن: كۆمۈش پۇل، ھەر خىل يارماقلار، يۇمۇلاق شەكىللىك مىس كۆرگۈ قاتارلىقلار). مانا بۇ خىل شەكىل ئۇلارنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىدىكى ئاساسلىق ئىپتىدائىي گېئومېتىرىيەلىك شەكىلدۇر.
      فولك بېرگمان 5 - نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن بايقىغان بۇيۇملار ئىچىدە شەكلى ئۆزگىچە بولغان گۈل نۇسخىلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل گۈل نۇسخىلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ يالغۇز گۈزەللىك قارىشىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، يەنە مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ گېئومېتىرىيەلىك شەكىل ئۇقۇمىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن:كىروراندىن بايقالغان خېلى چوڭ تىپلىق )بېرگماننىڭ شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى دېگەن كىتابىدا كۆرسىتىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىق نومۇرى13328:28.k( قاچىغا سىزىلغان ئۈچبۇلۇڭ نۇسخىسى، يېرىم شار شەكىللىك زىچ سىزىق نۇسخىلانغان. )مەدەنىيەت يادىكارلىق نومۇرى:13328:15.k( ساپال قاچىنىڭ پارچىسى، گىرۋەكلىرىگە »+« بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن )مەدەنىيەت يادىكارلىق نومۇرى: 15:82331.k( ساپال پارچىلىرى، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز سىزىلغان باشقا گۈل نۇسخىلىرى ۋە سىزىقلاردىن پەرقلىق ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ، بولۇپمۇ چەرچەندىن قېزىلغان بۇيۇملار ئىچىدە (مەدەنىيەت يادىكارلىق نومۇرى: 43331.k) رەڭدار ساپال لوڭقا كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. لوڭقا گەۋدىسىدىكى قارا رەڭدە چاقماق تۈز نۇسخا چىقىرىلغان سىزىقلار، ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك چاتما سىزىقلار ھەمدە گورزېنتال ھالەتتىكى سىزىقچىلار ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان گۈل نۇسخا ۋە نەقىشلەر ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

     بىز لوپنۇر 5 -، 6 - نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن بايقالغان يەنە بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ئاستى كەڭ كونۇس شەكىللىك قەغەز خالتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يوپكىلارنى، مېيىتنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ئېللىپىس شەكىللىك ئەينەك مارجانلارنى ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە، دەپنە قىلىنغان ياغاچ پەتنۇس، ياغاچ قۇتىلارنى، تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك يېپەك توقۇلما ۋە ئۇنىڭدىكى رۇمبا شەكىللىك نۇسخىلارنى، نۇسخىلىرى ئۆزئارا سىممېتىرىك چۈشكەن گىلەم گۈل نۇسخىلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل ئەھۋال يالغۇز لوپنۇر، كىروران رايونىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزدىلا ئۇچراپ قالماستىن، بەلكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزدىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزدىكى ھەر خىل گېئومېتىرىك نۇسخا ۋە شەكىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تەسۋىرىدىكى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇمدىن ھېچقاچان مۇستەسنا بولغان ئەمەس. ئۇلار ئاددىي ۋە مۇرەككەپ ئەمگەك شارائىتىدا ئۇنى ئەمەلىي قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تەدبىقلاپ، ئۇنىڭدىن ئىستېتىك زوق ئالغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ ئىنچىكە ھېسابلاش تېخنىكىسىنى سەنئەت نۇقتىسىدىن چىقىپ سىڭدۈرگەن ھەمدە بۇنداق گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەرنى يالغۇز مەدەنىيەت تېپىندىلىرىغىلا ئەمەس، قىيا تاش رەسىملەر، بېزەكلىك مىڭئۆيلەرگىمۇ ھەر خىل شەكىلدە چۈشۈرگەن. مەسىلەن: مىرەن 3 - ئىبادەتخانىسىغا سىزىلغان قاناتلىق پەرى )قاناتلىق ئەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ( ۋە ئۇنىڭ قانىتىنىڭ سىزىلىش ئۇسلۇبىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن بەدەن ئوبرازى، چىراي شەكلى جىسمىغا شۇنداق ماس كېلىش بىلەن بىرگە، ئىككى قانىتى شۇنداق چىرايلىق. ھەرقانداق كىشىگە بىر قاراشتىنلا بىر - بىرىگە شۇنداق سىممېتىرىك كېلىدىغان بۇ خىل رەسىم كىشىگە بىر قاراشتىلا مەلۇم گىئومېتىرىك مەنانى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرالايدۇ. بىز شۇنىڭغا قاراپ ئېنىق چۈشىنەلەيمىزكى، ئەجدادلىرىمىز رەسىم ۋە نۇسخىلارنى ئۆزئارا سىممېتىرىك چۈشۈرۈش، گورزىنتال ھالەتتە تەكشىلەش ئۇسۇللىرىدا مەلۇم ئۇزۇنلۇق ۋە ئۆلچەم بىرلىكىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
      ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار بىناكارلىق، ئۆي قۇرۇلۇش، سۇ ئىنشائاتى، شۇنداقلا ئۇزۇنلۇق ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردە ماتېماتىكىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان. ئۇلار ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە يېرىم دېھقانچىلىق يېرىم چارۋىچىلىق تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ھەر خىل چېدىر ئۆيلەرنى، ئوردا - سارايلارنى، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى ياساش، تارىخى ئۇزۇن مىڭئۆيلەرنى لايىھەلەش ۋە ھەر خىل سىممېتىرىك گۈل نۇسخىلارنى، نەقىش - بېزەكلەرنى، ئۈچبۇلۇڭ ۋە تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدىكى ئىشىك - دېرىزە، تۈۋرۈك نەقىشلىرىنى، جەسەت ساندۇقلىرىنى ياساش جەريانىدا بىناكارلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتنىڭ ئەڭگۈشتەرلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن دەل ئۆلچەش، سىزىش تېخنىكىسىنى ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن لايىھەلەپ چىققان. ئۇلار مەيلى بىناكارلىق جەھەتتە بولسۇن ياكى باشقا لايىھەلەش ئىشلىرىدا بولسۇن، ھەر خىل ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى مەسىلەن: ئېغىرلىق ئۆلچەملىرى، ئۇزۇنلۇق ئۆلچەملىرى، ۋاقىت مىقدارى ئۇقۇملىرىنى تونۇپ يېتىپ، ماتېماتىكىلىق لوگىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك تارىخىي ماتېرىياللىرىدا خاتىرىلەنگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ يول مۇساپىسىنى ئۆلچەش ئادىتىنى مىسالغا ئالساق، يول بىرلىكىنى چاقىرىم، يول، ئىلىك، ماڭدام دەپ ئىپادىلىگەن. قىسقا ئارىلىقلارنى تاناپ؛ چارەك ئۇقۇملىرى، ئېغىرلىق ئۆلچەملىرىنى مىسقال، سەر، تاتىم، كۈرە، قاداق، چارەك، تاغار قاتارلىق ئۇقۇملار بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي كالېندارچىلىق، ئاستىرونومىيە، خەرىتە سىزىش، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ھەر خىل  ھېسابلاش ئۇسۇللىرى بىلەن كېيىنكىلەرگە مەڭگۈلۈك مەدەنىيەت ئابىدىلىرىنى مىراس قىلىپ قالدۇرغان. مەسىلەن: ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانى غا كىرگۈزگەن يەر شارىنىڭ يۇمىلاق خەرىتىسىگە شەھەر، رايون، قەبىلىلەرنىڭ جايلىشىش ئورۇنلىرىنى  مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرقنى خېلى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەيئىلەرنى كىچىكلىتىپ ئىپادىلەيدىغان ماسىشتاپتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بىز دىۋان دا خاتىرلەنگەن 21 مۆچەل ھەققىدىكى رىۋايەتتىنمۇ قەدىمكى زاماندا خەلقىمىزنىڭ ھېسابلاش ئەنئەنىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
      دېمەك، ئەجدادلىرىمىز ئاسمان جىسىملىرىنىڭ قەرەللىك ھادىسىلىرىنى كۆزىتىش، يىل، ئاي، كۈننى بەلگىلەش (ھەر خىل ۋەسقىلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ) قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھېسابلاشتا ماتېماتىكىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلانغان. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەجدادلىرىمىز مەيلى ھېسابلاش ئادەتلىرىدىن بولسۇن، مەيلى قۇرۇلۇش بىناكارلىق جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى مەلۇم سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك گۈل نۇسخىلىرىدا بولسۇن ئۇنى سىزىش، لايىھەلەش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇئەييەن ماتېماتىكىلىق ئۇقۇمنى قوللانغان، ئۇلار ئىپتىدائىي ئېتىقاد ھالىتىدە تۇرۇپ شەيئىلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىشكە ماھىر بولغان، مەسىلىلەرنىڭ ماھىيتىنى چۈشىنىپ تۇرمۇشقا تەدبىقلىغان. بىز لوپنۇر، كىروران ئەتراپىدىن، بولۇپمۇ ئۆستەڭ خارابىسىدىن بايقالغان بىر بۆلەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا قارايدىغان بولساق، ھەرقانداق مەدەنىي بۇيۇم مەلۇم شەكىلدە سەنئەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاساستا ياسالغان. ئۇلارغا سىزىلغان نۇسخىلاردا يەنە ئېللىپېس، تىراپېتسىيە، سېلىندىرسىمان ۋە باشقا گېئومېتىرىك شەكىللەرنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بۇ دەل ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەسۋىرىدىكى ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
      ئومۇمەن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى، مەدەنىيەت قاتلىمى، ئىجتىمائىي پائالىيەت جەريانىدا ياراتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۈندۈرمە ھالەتتىكى ماتېماتىكا ئۇقۇمى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا ناھايىتى بالدۇر بارلىققا كەلگەن ھەم ئەمەلىيەت جەريانىدا توپلىنىپ تۇرمۇشقا تەدبىقلانغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر