ئەنگلىيەدىكى جەزبىدار ئايال دوكتور چىرايلىق بولغاچقا ئىشسىز قالدى

0 2013-05-21 11:55:58   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

خەلق تورى 20- ماي خەۋىرى . ئەنگلىيە ‹‹ئەينەك گېزىتى›› نىڭ 19- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيىدىكى چىرايلىق، ئەقىللىق، مۇناسىۋەتكە ماھىر ھەم خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغان جەزبىدار ئايال دوكتۇر ئەرلەر تەرىپىدىن بەك ئالقىشقا ئېرىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىدارىسىدە باشقا ئاياللارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ ، ئىشلەشكە ئامالسىز قالغان ھەم ئاخىرىدا ئىستىپا بېرىشنى تاللىغان.

بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن لورا فېننى تىببىي پەن دوكتۇرى بولۇپ، 2008-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتكە قاتناشقان. ئۇنىڭ زىلۋا، چىرايلىق بەدىنىدىن باشقا يەنە ئۇزۇن ھەم جەلىپكار چېچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتراپتىكى ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان . بىراق ئويلىمىغان يەردىن " قىز بەك چىرايلىق بولسا ، دۈشمىنى بەك كۆپ بولىدۇ " دىگەندە چىرايلىق ھەم جەلىپكار بولۇش لوراغا نىسبەتەن بېسىم ھەم باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان . چۈنكى ئۇنىڭ ئايال خىزمەتداشلىرى لوراغا چىدىماي دائىم ئۇنى چەتكە قاققان ھەمدە ئۇنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ ، نورمال خىزمەت قىلىشقا ئارام بەرمىگەن .

لورا " ئەينەك گېزىتى " نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچە ، ئەر خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ جەلىپكارلىقىدىن ھوزۇرلانسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا تېتىقسىز چاقچاق قىلغان، ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلغان، سوۋغاتلارنى بەرگەن، يەنە بەزى ئەرلەر ئۇنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە سالام خەتلەرنى ئوغۇرلۇقچە قويۇپ قويغان. بۇ خىل " قوغلىشىش " نىڭ كۆپلىكىدىن بېشى ئاغرىغان لورا ئەر خىزمەتداشلىرىدىن يىرگىنىدىغان بولۇپ قالغان .

لورا مۇنداق دىدى :" دەسلەپتە ئۇلار مېنى دۆت دەپ قاراپ، مېنى كۆزگە ئىلمىدى، كېيىن مېنىڭ ئەقىللىقلىقىمنى بىلىپ، تېخىمۇ ھەسەت قىلىشقا باشلىدى، داۋاملىق مېنى بوزەك قىلدى" .

شۇنىڭ بىلەن، لورا 2011-يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ھازىرغا قەدەر خىزمەت قىلمىغان.

لورانىڭ ئائىلە شارائىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى لورانىڭ بوۋا-مومىسىدىن قالغان مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان ، شۇڭا لوراغا نىسبەتەن خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىش ئانچە مۇھىم مەسلە ئەمەس .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博