نېتانىياخۇنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا قوش كىشىلىك كارىۋات ئورنىتىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

0 2013-05-20 11:02:04   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئەنگىلىيە <<مۇھاپىزەت گېزىتى>> نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭلىسى نېتانىياخۇ بۇ يىل ئاپرېلدا ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لوندونغا بارغاندا، ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلەتكەن مەخسۇس ئايروپىلانغا 127 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 780 مىڭ يۈەن ) خەجلەپ، ھەشەمەتلىك بىر قوش كىشىلىك كارىۋات ئورناتقان. بۇ ئىش يېىقندا ئاشكارلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، مالىيە چىقىمىنى قىسقارتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىسرائىلىيە كۆپ تەرەپنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشچە، نېتانىياخۇنىڭ بۇ قېتىملىق لوندون سەپىرىدىكى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلەتكەن مەخسۇس ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي چىقىمى 427 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2 مىليون 620 مىڭ يۈەن) غا يەتكەن.

بۇ <<ۋەقە>> ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، نېتانىياخۇ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلىش زۇڭلى ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە قىسقا مۇساپىلىك ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندا ئارام ئېلىش ئۆيى بولمىغانلىقتىن بولغان. گەرچە يۇقىردىكى بايانات دەرھال ئونروزچىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان ھەم بۇ ئىش ئىسرائىلىيەنىڭ 90 ياشلىق زۇڭتۇڭى سىمون پېرېزنىڭ ئايروپىلاننىڭ سودا ئىشلىرى بۆلۈمچىسىگە ئولتۇرۇپ، 11 سائەتتە كورىيەگە زىيارەتكە بارغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر