دۇنياغا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان 8 نەپەر ئايال

0 2013-05-21 11:35:00   ۋاڭيى تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

پەن-تېخنىكا تورىنىڭ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى تېلگىرامىسى، ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنياغا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان 50 ئايال بار بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 نەپىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئىكەن.

Melinda Gates بىلەن Facebook نىڭ باش تىجارەت يۈزگۈزگۈچىسى Sheryl Sandberg بۇ 8 نەپەر پەن-تېخىكىغا تۆھپە قوشقان ئاياللار قاتارىدا ئالدىنقى ئۇرۇنغا تىزىلغان.

1. Jennifer Hyman

كېيىم كېچەك ئىجارىگە بېرىش Rent The Runway تورىنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى. ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ توپلىغان مەبلىغى 55000000 دوللارغا بارىدىكەن. ئۇ يەنە بىر مەبلەغ سالغۇچىمۇ ئىكەن.

2. Virginia Rometty

IBM نىڭ ھازىرقى باش دېرېكتورى بۇلۇپ ئۇ بىر دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ بىردىنبىر ئايال باشلىقى ئىكەن. ئۇ 2012-يىلى 1-ئايدا رەسمىي ھالدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بۇلۇپ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەن، شىركەتنىڭ ئېھتىياجىنى ئابۇنىتلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن باغلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ ھازىر 55 ياشقا كىرگەن.

3. ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Steve Jobs نىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىسى Laurene Powell Jobs .

ئۇ 2011-يىلى يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قايتىدىن نامەن بولغان ۋە ئاشكارا ھالدا كۆچمەن بۇلۇش ئىسلاھاتىنى تەشەبۇس قىلغان.

4. Sophia Amoruso

2006-يىلى ئالىي مەكتەپنى ئۇقۇشتىن چىكىنگەندىن كېيىن eBay تورىدا كونا كىيىملەرنى يىغىپ ساقلايدىغان ۋە ساتىدىغان تورىنى قۇرغان، بۇ ئۇنىڭ ئىشتىن تاشقىرى بولغان قىزىقىشى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مەخسۇس بىر تورىنى قۇرماقچى بۇلۇپ بۇ تورىنىڭ ئىسمى Nasty Gal ئىكەن. بۇ تور ئاساسلىقى داڭلىق بولغان كىنو تورى ئىكەن.

5. Marissa Mayer

2012-يىلى 7-ئايدا ياخو CEO تورىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلىقىنى ھەيران قالدۇرغان.

6.Reshma Saujani

پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات Girls Who Code نىڭ قۇرغۇچىسى، بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى قىزلانىڭ مائارىپ تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆگۈنۈش تېخنىكا بىلىملىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىكەن.

7. Sheryl Sandberg

Facebook تور شىركىتىنىڭ باش تىجارەت خىزمىتىنى قىلغۇچى. ئۇ قىزلار تېرىشىپ ئۆگىنىشى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشى كېرەك دېگەن.

8. Melinda Gates

Bill Gates نىڭ ئايالى Melinda Gates ئاكتىپ ھالدىكى ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغۇچى ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博