بىل گايتىس ئالتە يىلدىن كېيىن يەنە ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى›› بولدى

0 2013-05-20 11:03:17   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يەنە بىر قېتىم ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى›› بولۇپ قالغان. نيۇيورك ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00تە(بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر4:00تە) بىل گايتىسنىڭ بايلىقى 72 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، مېكسىكىدىكى كاتتا باي Carlos Slimنىڭ بايلىقى 72 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  بىل گايتىسنىڭ بايلىقى ئاساسەن Cascade Investment شىركىتىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىل گايتىس بۇ شىركەت ئارقىلىق نەچچە ئون شىركەتكە مەبلەغ سالغان. ئىگىلىنىشىچە، گايتىسنىڭ4 /1 قىسىمغا يەتمىگەن بايلىقى مىكرو سوفتتا ئىكەن. ئۇ گايتىس ئەر-خوتۇن فوندىغا 28 مىليارد يۈەن ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان. بۇ يىل گايتىس 57 ياشقا، مىكسىكىدىكى كاتتا باي Carlos Slim بولسا 73 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ياش پەرقى 16 ياش پەرقلىنىدىكەن.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博