5-ماي «ئانارخان فىلىمى» مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا بېرىلىدۇ

0 2013-04-26 11:41:57   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   7-ماي، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ، شىنجاڭ «داسىن» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ ئانارخان ›› مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلىدا پۈتۈن مەملىكەت كۆرۈرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ . بۇ ، شىنجاڭدا ئىجاد قىلىنغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا قويۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ .

  24-ئاپرېل ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى باشقۇرۇش مەركىزى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بېيجىڭدا ‹‹ئانارخان›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تۇنجى قويۇلۇشى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي يىغىنىغا قاتنىشىپ ، مۇھىم سۆز قىلدى.

  بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا تارىخىي چىنلىق ئاساس قىلىنىپ ، تارىخ بىلەن سەنئەت بىرلەشتۈرۈلۈپ ، رېئال نەرسىنى يېزىش ماھارىتى ئارقىلىق ۋەقەلىك بايان قىلىنىپ ، زامانىۋى سىنغا ئېلىش تېخنىكىسى ، قويۇق يەرلىك ئۆزگىچە مەنزىرە ۋە رومانتىك ھەم تەسىرلىك ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلى ئارقىلىق ، پۈتۈن سيۇژىت ئەركىن-ئازادە ، تەسىرلىك ، جانلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى قايتا نامايان قىلغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博