23-ئاپرېل سائەت 13:30 ئۆتكەندە ، شىنجاڭ قەشقەر مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدىكى ئۈچ مەھەللە كادىرى ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقاندا، بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىدىن كۆپلىگەن گۇمانلىق ئادەم ۋە تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى بايقاپ ، تېلېفون ئارقىلىق ئەھۋالنى دەرھال يۇقىرىغا دوكلات قىلغان ھەمدە ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان توپىلاڭچىلارنى تىزگىنلىگەن . دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، بازارلىق ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى بۆلۈنۈپ نەق مەيدانغا بېرىپ ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ھويلا ئىچى-سىرتىدىكى توپىلاڭچىلارغا تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن. بۇنىڭدىن ئاۋۋال ، قارانىيەتلەرنى تىزگىنلىۋالغانلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ، توپىلاڭچىلار ئۆيگە ئوت قويۇۋەتكەن . نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خەلق ساقچىلىرى داۋاملىق قارشىلاشقان توپىلاڭچىلارنى ئېتىۋېتىپ ، نەق مەيداننى تىزگىنلىگەن . بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلوسىدا ، خەلق ساقچىسى ، مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇپ 15 ئادەم قازا قىلغان (ئۇيغۇر 10 نەپەر، خەنزۇ 3 نەپەر ، مۇڭغۇل 2 نەپەر ) ، ئىككى ئادەم (ئۇيغۇر) يارىلانغان . ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئالتە نەپەر توپىلاڭچى ئېتىۋېتىلگەن ، سەككىز توپىلاڭچى قولغا چۈشكەن . دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئېنىقلىنىشىچە ، بۇ ئالدىن پىلانلانغان زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلوسى بولۇپ ، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرلەپ پاش قىلىنماقتا . (مەزمون تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى)
ھەمبەھىرلىنىڭ