كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىن تاڭ سۇلالىسىغا تەۋە 3000 دانىدىن ئارتۇق يارماق تېپىلدى

0 2013-04-26 11:33:43   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە 3000 دانىدىن ئارتۇق قەدىمىي يارماق تېپىلدى . بۇ كۇچا ناھىيەسى كونا شەھەر رايونىدا بۇلتۇر 16-ئىيۇل كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىن مىڭ دانىدىن ئارتۇق كۈسەن قەدىمىي يارمىقى تېپىلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە قەدىمىي يارماق تېپىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

   نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش قىلغۇچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 24-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 ئەتراپىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى كونا شەھەر رايونىنىڭ 1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش ئورنىدا توپا قېزىۋاتقاندا بۇ يارماقلارنى بايقىغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەھۋال دوكلات قىلغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىم قېزىۋېلىنغان يارماقلار 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بولۇپ، قەدىمىي كۈسەننىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت-سەنئەت جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۈسەن بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ سودا-سېتىق ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى تارىخىي ئىزنالىرىنى ماددىي ئىسپات بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئىكەن

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博