ئىتالىيەلىك ئەر كەشىپ قىلغان كىرلىكىنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ھۇرۇنلار كارىۋىتى
‹‹ھۇرۇنلار كارىۋىتى›› نىڭ كەشپىياتچىسى ئىتالىيەلىك ئېنرىكو بېرۇدنىڭ دېيىشىچە، كۇنۇپكىنى بىرلا بېسىپ قويسا، كارىۋاتقا ئورنىتىلغان قىسقۇچ مېتال دەستە ئۈستىدە سىيرىلىپ، كىرلىك تەكشى يىيىلىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يېڭىلىقنى يارىتىشتا ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئويلاشقان بولۇپ، قىسمەن سەۋەبى ‹‹ئۆزى سەل ھۇرۇن ئىكەن››.