خوتەن شەھىرىدە بىر جۈپ ئەر ئايال بىر ياشلىق بالىنى ئوغۇرلاپ ئامبۇر بىلەن چىشلىرىنى تارتىپ ئېلىۋەتكەن

0 2013-04-26 10:33:21   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى شىنجاڭ خوتەن خەۋىرى، ئەڭ ئاخىرقى بىر بالىنىڭ سالاھيىتىنى جەزىملىشتۈرۈش ئارقىلىق، خوتەن شەھىرى يامان نىيەتلىك بوۋاق ئوغۇرلاش دېلوسى غەلبىلىك پاش قىلىنغان.

   ئىككى يىل بۇرۇن، 2011-يىلى يۇقاپ كەتكەن بالىنى تىلغا ئالساق، ئالداپ ئېلىنىپ كېتىلگەن بوۋاق شىياۋئانىڭ ئاتا-ئانىسى قاتتىق ئازاپلانغان، ئۇلار كۈندە قېلىن بىر توپ ئادەم ئىزدەش قەغىزىنى كۈتۈرپ ئۇچۇرغانكى كىشىلەردىن سوراپ بالىسىنى ئىزدىگەن، لېكىن بالىسىنىڭ ئېزدېرىگىنى قىلالمىغان.

   4-ئاينىڭ 12-كۈنى، خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلارنى رازۋىتكا قىلىش چوڭ ئەتىرتى قىزغىن خەلق ئاممىسىنىڭ تېلفۇننى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، خوتەن شەھىرى تۇساللا يېزىسىدا روۋ فامىللىك جىنايەت گۇماندارى ۋە خەي فامىللىك جىنايەت گۇماندارىنى ئۆيدە قولغا ئالغان. ئۆيدە شىياۋئا دىن باشقا يەنە 3 نەپەر ئۈچ تۆت ياشلىق بوۋاقنى تاپقان.

  بالىسى يۇقاپ كەتكەن ئاتا-ئانىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەي فامىللىك جىنايەتچى بالا مىنىڭ دەپ چىڭ تۇرىۋالغان. ساقچى تەرەپ DNA سىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا بۇ ئىككى نەپەر جىنايەتچىنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنى ئېنىقلىغان. بۇلار شۇنداق ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن.

  ئەسلىدە خەي فامىلىك ئايال بىلەن روۋ فامىللىك ئەرنىڭ پەرزەنتلىك بۇلۇش ئىقتىدارى يوق بۇلۇپ، باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ كۆڭلىدە تەڭپۇڭسىزلىق ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يامان نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى كىشى خوتەن شەھىرى دابازادا بىر ياشتىن ئاشقان شىياۋئانى ئوغىرلاپ، يالغاندىن ئېغىر ئاياغ بولغان قىياپەتكە كىرىۋالغان.

باشقىلارنىڭ كۆزىنى بۇياش ئۈچۈن بۇ ئەر ئايال ۋەھشىيلەرچە ئامبۇر بىلەن بۇ بالىنىڭ چىشلىرىنى سۇغۇرۋەتكەن. سۆز قىلغۇزمىغان، يول يۈرگىلىمۇ قويمىغان.ساقچىلار ئىككى كۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدەش ئارقىلىق بۇ بالىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博