پىسخىكىڭىزنى تەكشۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

0 2013-03-22 12:51:08   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

پىسخىكىڭىزنى تەكشۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

      كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تۈرلۈك تۆھمەت، ئەيىبلەش، ئاجايىپ - غارايىپ غەيۋەتلەر ۋە خىلمۇخىل ئاغرىنىشلاردىن خالىي بولالمايمىز. يەنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەر تۈرلۈك ناچار سەلبىي ئۇچۇرلار كەم بولمايدۇ. بۇنداق ئۇچۇرلارغا يولۇققاندا ئاڭلاپ قويۇپلا كېتىۋېرەمسىز ياكى ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ خاتىرجەملىكىڭىزنى بۇزىۋالامسىز؟ بۇ خېلى زور دەرىجىدە سىزنىڭ پىسخىك ئىممۇنىتېت كۈچىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سىناق ئارقىلىق پىسخىك ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ:
      ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگەندە
      ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار گەرچە ئۆرۈلۈپ كەتكەن كالىندارغا ئوخشىسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرى تولۇق يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى روھىي ھالىتىمىز، مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىمىز ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىزغا دائىم تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
      1. ئەگەر ئۆتمۈشىڭىزنى بىر سىنارىيە قىلىپ يېزىپ چىقسىڭىز، سىزنىڭچە ئۇ:
      A بىر تىراگېدىيە بولىدۇ
      B بىر كومىدىيە بولىدۇ
      C ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ
      2. سىز بۇرۇن ئىنتايىن گۈزەل تۇيغۇلارنى ھېس قىلىپ باققانمۇ؟
      A ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان 
      B ئېنىق بىرنەرسە دىيەلمەيمەن
      C ھېس قىلىپ باققان
      3. قىيىنچىلىققا قارىتا تونۇشىڭىز قانداق؟
      A قىيىنچىلىق ھەممە يەردە بار
      B ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ
      C قىيىنچىلىق ئادەمنى پىشىپ يېتىلدۈرىدۇ
      4. ئاتا - ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق قارايسىز؟
      A ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمدا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك قالدۇردى
      B ئاتا - ئانامنىڭ ئالقىنىدىكى گۆھەر بولدۇم
      C ئاتا - ئانام ئىقتىدارى دائىرىسىدە ئەڭ ياخشى قىلدى
      5. ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىۋىتىڭىزگە قانداق قارايسىز؟
      A كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت
      B كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەقىقىي دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت
      C ھەم مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ھەم ھەقىقىي دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت
      تەھلىل:
      A جاۋاپ كۆپرەك تاللانغان بولسا: پىسخىك ئىممۇنىتېت كۈچىڭىز نىسبەتەن ئاجىز، پاسسىپ ۋە سەلبىي تەپەككۇر قىلىسىز، ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتقا قارىتا ئىشەنچىڭىز كەمچىل، شۇڭا ناھايىتى ئاسانلا سەلبىي ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايسىز، بۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاسسىپلىقىڭىز ۋە خاتىرجەمسىزلىكىڭىزنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
      B جاۋاپ كۆپرەك تاللانغان بولسا: روھىي ھالىتىڭىز ناھايىتى ياخشى، سەلبىي ئۇچۇرلارنىڭ سىزگە بېرىدىغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. بىراق بۇ سىزنىڭ پىسخىك ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنىڭ بۇ روھىي ھالىتىڭىز ئېھتىمال بۇرۇنقى ئوڭۇشلۇق كەچۈرمىشلىرىڭىز ۋە ساددا پوزىتسىيەڭىزدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۆز بېشىڭىزدىن بەزى سەلبىي ۋە يامان ئىشلارنى ئۆتكۈزۈپ باققان بولسىڭىز، روھىي ھالىتىڭىزنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى ساقلىنىشى ناتايىن.
      C جاۋاپ كۆپرەك تاللانغان بولسا: پىسخىك ئىممۇنىتېت كۈچىڭىز ناھايىتى كۈچلۈك، ئىشلارغا توغرا قارىيالايسىز، يەنى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئىشلارنىمۇ قوبۇل قىلالايسىز ھەم ئاكتىپلىق بىلەن توغرا نىشان بېكىتەلەيسىز.
      ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغاندا
      سىز باشقىلارنىڭ ئەيىبلەشلىرى ۋە قىلچە قىممىتى بولمىغان باھالىرى سەۋەبىدىن ئارامسىزلىنامسىز؟ باشقىلارنىڭ قارىشىنى دەپ ئۆز مەنپەئەتىڭىزدىن كېچەلەمسىز؟ بۇلار سىزنىڭ پىسخىك ئىممونىت كۈچىڭىزنى تەكشۈرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلەردۇر.
      1. سىز يېڭى كىيگەن كىيىمنى خىزمەتداشلىرىڭىز ياراشماپتۇ دېدى، بۇنى قانداق قىلىسىز؟
      A ھەربىر ئادەمنىڭ گۈزەللىك قارىشى ئوخشىمايدۇ، ئۆزەمگە يارىسىلا كىيىۋېرىمەن
      B ئۇلار ھەسەت قىلىۋاتىدۇ، چوقۇم كىيىمەن
      C كىيمەيمەن
      2. كۆپچىلىك بىر خەۋەر ۋەقەلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى، سىزنىڭ قارىشىڭىز باشقىلارنىڭكىگە پەقەتلا ئوخشىمىدى، بۇ چاغدا سىز:
      A كۆزقارىشىمنى مۇلايىم ئىنتۇناتسىيەدە ئوتتۇرىغا قويىمەن
      B ئۇلار بىلەن تالىشىپ ئولتۇرمايمەن
      C كۆپچىلىككە باقىمەن، ئاغزىمدا كۆپچىلىكنىڭ قارىشىغا قوشۇلۇپ قويىمەن
      3. بىر خىزمەتدىشىڭىز ئائىلىسىدە ئۆستۈرۈلگەن مېۋىدىن ئالغاچ كېلىپ كۆپچىلىككە بۆلۈپ بەردى، سىزنىڭچە ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى نېمە؟
      A كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھرىمەن بولۇش
      B كۆز- كۆز قىلىۋاتىدۇ
      C كۆپچىلىككە خوشامەت قىلىۋاتىدۇ
      4. سىز ئۆزىڭىزگە بىر نىشان بېكىتتىڭىز، بىراق باشقىلار سىز بۇ نىشانغا يېتەلمەيسىز دېسە، سىزدە قانداق پىسخىك ئىنكاس پەيدا بولىدۇ؟
      A باشقىلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن، ئۆزەمنىڭ يولىدا مېڭىۋېرىمەن
      B ئۇلار ماڭا قەستەن زەربە بېرىۋاتىدۇ
      C كۆپچىلىك شۇنداق دېگەن ئىكەن، بۇ ئىش چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ
      5. باشقىلار سىزدىن بىر ئىشنى بېجىرىپ بېرىشنى ئۆتۈندى، بىراق بۇ ئىش سىزگە ناھايىتى تەس كېلىدۇ، قانداق قىلىسىز؟
      A چىرايلىقچە رەت قىلىمەن
      B قارشى تەرەپنى رەت قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارغا دەردىمنى ئېيتىمەن
      C تىرىشىپ باقىمەن
      تەھلىل:
      A جاۋاپ كۆپرەك تاللانغان بولسا: سىز مەيدانى بار يەنى ئۆز كۆزقارىشى بار ئادەم، پىسخىك ئىممۇنىتېت كۈچىڭىز خېلى يۇقىرى، ئۆزىڭىزنىڭ قارارىدا ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن چىڭ تۇرالايسىز، ئەتراپىڭىزدىكى مۇرەككەپ چىگىش ئۇچۇرلارمۇ سىزگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمەيدۇ.
      B جاۋاپ كۆپرەك تاللانغان بولسا: قارىماققا ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرالايدىغاندەك كۆرىنىسىز، ئەمەلىيەتتە بولسا ئاللىقاچان بۇ سەلبىي ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بولدىڭىز.
      C جاۋاپ كۆپرەك تاللانغان بولسا: دائىم باشقىلارنىڭ سىزگە بېرىدىغان باھاسىغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ چارچاپ كېتىسىز، شۇڭا باشقىلارنىڭ باھاسى سىزنىڭ پىسخىك بېسىمىڭىزغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر