نىيۇيۇرۇك شەھەر ئاھالىسى 3 دوللارغا جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى قاچىسىنى سېتىۋېلىپ 2 مىليۇن دوللارغا ساتقان

0 2013-03-22 09:58:49   163.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى


3 دوللارغا سېتىۋالغان جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى قاچىسى

  بىر قېتىم تاساددىپىي سېتىۋالغان كونا مال كۆپ يىلدىن كىيىن نەچچە مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممەتكە ئىگە بولىشى كشىگە بىر خىل تاساددىپىي خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىيۇيۇرۇك شەھەر ئاھالىسى 6 يىل ئىلگىرى 3 ئامېرىكا دوللىرىغا جۇڭگۇنىڭ كونا قاچىسىنى سېتىۋالغان، 19-چىسلا نىيۇيۇرۇك سوسېبايس كىم ئارتۇق سودا ئورنىدا 2 مىلىيۇن 225 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 13 مىلىيۇن 820 مىڭ يۈەن خەلىق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ) لىق باھادا سېتىلغان.

  بۇ قاچا ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن پىل چىشى ئىماللىق كىچىك قاچا بۇلۇپ قاچىنىڭ دىئامىتىرى تەخمىنەن 12.5 سانتىمىتىر كېلىدىكەن. 2007-يىلى بىر نەپەر ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان نىيۇيۇرۇك شەھەر ئاھالىسى پىت بازىرىنى ئايلانغاندا 3 دوللارلىق باھا بىلەن بۇ قاچىنى سېتىۋالغان، كىيىن ئۇ قاچىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى مىھمانخانىغا تىزىپ قويغان. يېقىندا بۇ بىر ئائىلە كىشىللىرى قەدىمكى دەۋىر قاچىسىنىڭ ھەقىقىي باھاسىغا قىزىقىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن قاچىنى ئېلىپ چىقىپ باھالاش ئېلىپ بارغۇزغان.

  ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ قاچا ئىگەنلىنىشىچە جۇڭگۇنىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دىڭ خۇمدىنى قىممەتلىك بۇيۇمى ئىكەن. بۇ قاچا بىلەن شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش، ھەمدە ھەقىقىي راست مال دەپ باھالانغان ئوخشاش دەۋىرنىڭ ساپال قاچىسىدىن پۈتۈن دۇنيادا ھازىر پەقەت بىرىلا ساقلانغان بۇلۇپ بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقىنىغا 60 نەچچە يىل بولغان ئىكەن.

  سوسېبايىس كىم ئارتۇق سودا ئورنى بۇ قەدىمىي قاچىنىڭ ئىنتايىن نىپىز ئىكەنلىكىنى، قاچىنىڭ ئاساسەن دىگۈدەك ئاق ئىكەنلىكىنى، پىل چىشىغا ئوخشاش پارقىراپ تۇرىدىغان ئىمال بېرىلگەنلىكىنى، سۇڭ دەۋرىدىكى ساپال بۇيۇملارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدە گۈزەللىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كىم ئارتۇق سودا ئورنى ئەسلىدە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي قاچىنى 200 مىڭ دوللاردىن 300 مىڭ دوللارغىچە بولغان باھادا سېتىشنى پىلانلىغان.

  ئويلىمىغان يەردىن 19-چىسلادىكى كىم ئارتۇق سودا مەيدانىدا تۆت نەپەر كىم ئارتۇق سودىگىرى ئارقا-ئارقىدىن باھا تالاشقان. ئاخىرىدا ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق بەدىئىي ئەسەر سودىگىرى Giuseppe Eskenazi بۇ قاچىنى 2 مىلىيۇن225 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا سېتىۋالغان. Giuseppe Eskenazi نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شەرىق بەدىئىي ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

  دىڭ خۇمدىنى ئاق ئىماللىق ساپال بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇلۇپ بۇيۇملارنىڭ ماتىريالى نىپىز ھەم يىنىك، سۈپىتى قاتتىق، رەڭگى ئاق، ئانچە سۈزۈك ئەمەس بۇلۇپ رۇ خۇمدىنى، گۈەن خۇمدىنى، گې خۇمدىنى ۋە جۈن خۇمدىنى بىلەن بىر قاتاردىكى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەش چوڭ داڭلىق خۇمدان ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博