دۈبەي يەر شارىدىكى ئەڭ قىممەت ئايالچە ئۇزۇن چاپان ياساپ چىققان بولۇپ باھاسى 1مىليون 760مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن

0 2013-03-22 09:55:24   chinanews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  روسىيە ئاخپارات تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرى ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى چارشەنبىلىك خەۋىرىدە ،يەر شارىدىكى ئەڭ قىممەت ئايالچە ئۇزۇن چاپىنى (مۇسۇلمان ئايال ئۇزۇن چاپىنى)يېقىندا دۈبەيدە پۈتكەن بولۇپ باھاسى 1مىليون 760مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (110مىليون يۈەن )ئىكەن .بۇ ئۇزۇن چاپاننى ئەنگىلىيىلىك لاھىيىلىگۈچى دەيبىي.ۋىنام لايىھىلىگەن بولۇپ مىڭلىغان ئالماس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،ھەتتا قىممەتلىك قىزىل ئالماسمۇ بار ئىكەن .

  ۋىنامنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ،بۇ ئۇزۇن چاپان مۈرىدىن پۇتقىچە ئاياللارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ پاسونى ئىنتايى ئازادە ۋە كەڭ .ئۇزۇن چاپان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى سىرتقى كىيمى ،پىرىسىيە قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ ئادەتتە يىپەك ۋە سۇس رەڭ يۇڭ بىلەن تىكىلىدىكەن ،ھەم يەنە نۇرغۇن كەشتىلەر ئىشلىنىدىكەن .

  ۋىنامۇ يەنە تولۇقلاپ مۇندا دېگەن :<بۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر ئۇزۇن چاپان بولۇپ ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزىل ئالماسنىڭ باھاسىلا 8مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن (تەخمىنەن 49مىليون 690مىڭ يۈەن ). مۆچەرلىنىشىچە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بولغان ئايالچە ئۇزۇن چاپان يېقىندا دۈبەيدىكى بىر مېھمانسارايدا خېرىدارلارغا يېپىق ھالەتتە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن ،شۇ ۋاقىتتا پەقەت بايلارلا قاتنىشىدىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博