iPhone 5S يانفونى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن

0 2013-03-22 10:18:41   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

    ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يانفونىiPhone 5S نىڭ زادى قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نۇرغۇن خىل پەرەزلەر تارقالغان بولۇپ،بازار تەھلىلچىلىرى بۇ يانفوننىڭ بۇ يىلنىڭ 3-پەسلىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن،ئامېرىكىنىڭ پەن تېخنىكا بىلوگ تور بېكىتى-Gizmorati يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئىنتايىن ئىشەنچلىك بولغان ئىچكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى،ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى “Original Passion,New Ideas” نى تېما قىلغان بىر ئالاھىدە بولغان مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى،مەزكۇر ئېلان قىلىش يىغىنىدا بولسا ئالما شىركىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد iPhone يانفونىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

   ئىلگىرى ئالما شىركىتىنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش زەنجىىرىدە مۈشكۈلات كۆرۈلگەنلىكتىن،Jefferies شىركىتىنىڭ بازار تەھلىلچىسى Peter Misek بولسا ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5S يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ بەلكىم بۇ يىلنىڭ 7-ئېيى ھەتتا 9-ئېيىغا سۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.لېكىن چەتئەل پەن تېخنىكا بىلوگ تور بېكىتى-Gizmorati نىڭ ئەڭ يېڭى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا،ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ناھايىتى ئالاھىدە بولغان مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ،بۇ يىغىن Original Passion,New Ideas نى باش تېما قىلغان ئاساستا،ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يانفونى-iPhone 5S نى ئېلان قىلىدىكەن.
بۇ ئۇچۇرنىڭ راستىلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاش ئۈچۈن،Gizmorat تور بېكىتى يەنە تېخى ئالما شىركىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ 3-ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،Gizmorati تور بېكىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،ئالما شىركىتى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى iPhone 5S يانفونىنى ئېان قىلىپلا قالماي،شۇنىڭ بىلەن بىر كۈندە يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد iPad تۈز ئېكرانلىق كومپىيوتېرىنىمۇ ماس قەدەمدە ئېلان قىلىدىكەن.

 

   لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone يانفونى بىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد iPad نى ماس قەدەمدە ئېلان قىلىشى توغرىسىدىكى بۇ ئۇچۇر،Gizmorati تور بېكىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاشكارىلىغان خەۋىرىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەن.لېكىن بەزىدە ئىشلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەكمۇ چىقماي قالىدۇ،خۇددى ئەينى ۋاقىتتا ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد iPad ۋە iPhone غا نام قويغىنى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك چىقماي قالغىنىغا ئوخشاش.يەنە كېلىپ ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندىمۇ،يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى توغرىسىدا ھەر خىل ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار ساقلانغان ئىدى.مەسىلەن KGI شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى گو مىڭچى iPhone 5S يانفونى بۇ يىل 6-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ دېگەن قاراشنى ئۇتتۇرىغا قويغان بولسا،چەتئەلنىڭ تور بېكىتى-iMore بولسا بىر نەپەر ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ،ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5S يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى بۇ يىل 8-ئاي بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博