مىكسىكىدا 9 ياشلىق قىزنىڭ قىز بوۋاق تۇغقانلىق خەۋىرىدىن «يۇچۇق » چىقتى

2162 2013-02-22 11:28:40   شىنخۇا ئاگېنتلىقى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 " سۈرەتلىك خەۋەرلەر " نىڭ 15- فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ، مىكسىكا جالىسكو ئۆلكىسدىكى 9 ياشلىق قىز دەنفىنىڭ دوختۇرخانىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرقىز بوۋاق تۇغقانلىقىنى ، بوۋاقنىڭ دادىسىنى دەنفىنىڭ 17 ياشلىق ئوغۇل دوستى ئىكەنلىكى توغرىسدا خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ، پۈتۈن ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ خەۋەرگە قىزىقتى . بىراق ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، دەنفىنىڭ 9 ياش ئەمەسلىكى ، تۇغۇلغان قىز بوۋاقنىڭ 17 ياشلىق بالىنىڭ بولماي بەلكى دەنفىنىڭ ئۆگەي دادىسى 44 ياشلىق ئەرنىڭ ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاندى .

   مىكسىكا جالىسكو ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دىدى " DNA تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، دەنفى تۇغقان قىز بوۋاقنىڭ دادىسى دەل دەنفىنىڭ ئۆگەي دادىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى . مىكسىكا ساقچىلىرى 44 ياشلىق ئەرنى قولغا ئالدى . ئەرمۇ ئۆگەي قىز دەنفى بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئىقرار قىلدى . ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلسە بۇ ئەر 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندىكەن . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، دەنفىنىڭ ئاپىسىمۇ سوراققا تارتىلىدىكەن .تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، دەنفىنىڭ 12-13 ياش ئىكەنلىكى ، خەۋەردە دىيىلىگەندە 9 ياش ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى . بىراق تۇغۇلغان كۈنى ئاشكارلانمىدى .

  بۇنىڭدىن بۇرۇن تارقالغان خەۋەردە : مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى ، مىكسىكا جالسكو ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانا مەسئولىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، بۇ ئىشتاتتا 9 ياشلىق بىر قىز 1- ئاينىڭ 27- كۈنى بىر قىز بوۋاق تۇغقان . دۇختۇرلار 9 ياشلىق قىزغا ئۆپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بالىنى تۇغدۇرغان . قىز بوۋاق تۇغۇلغاندا 2.5 كىلوگىرام ساغلام تۇغۇلغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博