مىكسىكا گۈزىلى توقۇنۇشتا ئوق تىگىپ قازا قىلدى

0 2012-11-28 11:33:33   تېڭشۈن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   مىكسىكىنىڭ 20 ياشلىق " گۈزەللەرنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى " ئالدىنقى ھەپتە ئارمىيە بىلەن باندىتلارنىڭ توقۇنۇشىدا ئوق تىگىپ قازا قىلغان . ساقچى تەرەپنىڭ گۇمانىدا بۇ قىزمۇ باندىتلارنىڭ كاتىبىشى بىلەن بىنورمال مۇناسىۋىتى بار بولۇپ ، باندىتلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتى بار دىيىلگەن .

   ئامېرىكا سىملىق تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 27- نويابىردىكى تور بەت خەۋىرىدە ، 20 ياشلىق Maria Susana Flores Gamez بۇ يىل يەنى 2012- يىللىق مىكسىكا "سىنالوئا خېنىمى " مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 24- نويابىر بۇ ئىشتاتتىنىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان موكورىتودا كوچىدىكى ساقچى بىلەن باندىتلارنىڭ ئېتىشىشىدا ، مارىيە ئوق تىگىپ نەق مەيداندا قازا قىلغان . مارىيەدىن سىرت يەنە ئىككى بىگۇناھ پۇقرامۇ بۇ ئېتىشىشىتا جېنىدىن ئايرىلغان .

   بىراق ، بۇ ئىشتاتنىڭ ئىشتاتلىق تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا ، مارىيە جىنايەت گۇروھى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار دىيىلگەن ، بىراق بۇ توغرىسىدا ئېنىق ئاخبارات بىلەن تەمىنلىمىگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博