شىنخۇا تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى مىكسىكا شەھرىدىن ئەۋەتكەن تېلگىراممىسى: مىكسىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىدا شۇ يەر ۋاقتى 15-چىسلا سەھەردە 6.1 بال يەر تەۋرىگەن، نۆۋەتتە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ-يارلىنىش ۋە ئېغىر مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسىدا ھېچقانداق دوكىلات يوق ئىكەن.
مىكسىكا دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ تور بىكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى 3 تىن 20 مىنۇت 22 سىكونىت(بېيجىڭ ۋاقتى 17دىن 20 مىنۇت 22 سىكونىت) ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى مىكسىكىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى گېرىلو شىتاتى ئالتامىلانو شەھرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىن 29 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جاي بۇلۇپ تەۋرەش مەركىزىنىڭ چۇڭقۇرلىقى 40 كىلومىتىر كېلىدىكەن.
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى تۇرۇشلۇق پايتەخىت مىكسىكا شەھرىنىڭ جەنۇبى قىسمىدا روشەن تەۋرىنىش بولغان. مىكسىكا شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى ماسەيلو ئېبراد ئۆزىنىڭ شەخسىي مىكرو بىلوگىدا مىكسىكا شەھرىدە گەرچە تەۋرىنىش سىزىمى بولغان بولسىمۇ لېكىن شەھەر ئىچىدىكى دوختۇرخانا، ئايرۇدۇرۇم، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچىرىمىغانلىقىنى، ھەرقايسى ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مىكسىكا دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى بۇندىن ئىلگىرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنى 6.4 بال دېگەن. نۆۋەتتە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ-يارلىنىش ۋە ئېغىر تىپتىكى مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسدا ھېچقانداق دوكىلات يوللانمىغان.
ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 16ئەسىردىكى قەدىمكى رە...
تېتانىكتىن سۈزۈۋېلىنغان قىممەت باھالىق زىببۇ - زىننەتلەر كۆ...
بىر ئايال رىكورتنى يېڭىلىشى مومكىن بولغان ئۇمۇمىي ئېغىرلىق...
ئامېرىكىنىڭ 300 يىللىق تارىخقا ئىگە گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرى ك...
گىرمانىيە كىلون تەنتەنە بايرىمىدىكى ‹ھەرخىل›كىيىنگەن ئامم...
ھىلارى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايو...
لىۋانلىق ئەر 220 تال ئالماسنى يۇتىۋېلىپ ئەتكەس قىلماقچى بولغ...