ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باشلانغۇچ تۆتىنچى يىللىقنىىڭ ئوقۇغۇچىسى Pranav Kalyan يېقىندا مىكروسوفتنىڭ تېخنىكا كەسپىي ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن، شۇنداقلا دۇبەيدىكى 12 ياشلىق مىكروسوفت تېخنىكا مۇتەخەسىسىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىكروسوفت تېخنىكا مۇتەخەسىسى بولۇپ قالغان.
Pranav ھىندىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، Pranav ئىككى يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېرغا قىزىقىپ قالغان، 6 ياش چېغىدا كىچىك يۇمشاق دېتاللارنى ياساشقا باشلىغان، شۇنداقلا دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتىگىرال ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالىغان، ماتېماتىكا جەھەتتىكى تالانتى ئۇنىڭ پروگرامما تۈزۈشىگە كۆپ ياردەم قىلغان.
بۇ كىچىك ئوغۇل بالا ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ مىكروسوفتنىڭ تېخنىكا كەسپىي ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلغان، ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۈنىگە 8 سائەت ئاجرىتىپ پروگرامما تۈزگەن. ئۇ كەلگۈسى ئارزۇسى توغرىسىدا توختىلىپ، كەلگۈسىدە ئالىم بولىمەن دېگەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...