شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى :ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ 20 – چىسلا دىيىشىچە، ئالتە ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۈچ ئاچا سىڭىل ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى بىر كەنتتە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى، باسقۇنچىلىق قىلغۇچى كىشى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى قۇدۇققا تاشلىۋەتتى.
ساقچى باشلىقى ئاردى سىنگىنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار 14 – چىسلا ماھلاسىتلا ناھىيەسىنىڭ پاندارا رايونىدىكى ئۆيىدىن ئايرىلغان، ئاندىن يوقاپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ جەسىتى ئىككى كۈندىن كېيىن بايقالغان.
سىنگى مۇنداق دىدى: «ساقچى تەرەپ بىر قۇدۇقتىن يېشى كىچىك ئۈچ قىزچاقنىڭ جەسىتىنى تاپقان، يەنە ئۇلارنىڭ سومكىسى بىلەن ئايىقىمۇ بار ئىكەن. جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار باسقۇنچىلىق قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن».بۇ ئۈچ قىزچاقنىڭ يېشى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئالتە ياش، توققۇز ياش ۋە 11 ياش».
ساقچى تەرەپ ھازىرغا قەدەر ھىچقانداق جىنايەت گۇماندارىنى تېخى رەسمىي يوسۇندا قولغا ئالمىدى، بىراق سىنگى مۇنداق دىدى، ساقچى تەرەپ تۆت كىشىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى سوراققا تارتىۋاتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ