جۇڭگو ئاخبارات تورى 16- يانىۋار تېلىگراممىسى . ھىندىستان گوئا ئۆلكىسىدىكى مەكتەپتە 7 ياشلىق بىر قىز مەكتەپ ھاجاتخانىسىدا باشقىلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ، بۇ ۋەقە كەڭ كۈلەملىك نامايىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، مەكتەپ مۇدىرى بۇ ۋەقە سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنغان . جىنايەت گۇماندارى ھازىرغىچە قېچىپ يۈرگەن .
خەۋەردە دىيىلىشىچە ، بۇ قېتىمقى باسقۇنچىلىق ۋەقەسى شۇ يەر ۋاقتى 14- يانۋار يۈز بەرگەن بولۇپ ، گۇئا ئۆلكىسى ۋاكوگوما شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن . ئىسىمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى مۇنداق دىگەن : زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى قىز دەم ئېلىش ۋاقتىدا مەكتەپنىڭ ھاجاتخانىسىغا كىرگەندە باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچىرغان . بۇ ساقچى يەنە ۋەقەنىڭ دەل مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىدىكى تازلىق ئۆيىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارلىغان .
14- يانىۋار كەچ ، مىڭلىغان نامايىشچى مەكتەپ دارۋازىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ مەكتەپ مۇدىرىنى قولغا ئېلىشنى ، ھەمدە باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى قانۇن ئارقىلىق كونتىرول قىلىشنى تەلەپ قىلغان.ئايال مەكتەپ مۇدىرى قولغا ئېلىنغان .
ساقچى تەرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ سالايھىتىنى ئاشكارلىمىدى . جىنايەت گۇماندارىمۇ تېخىچە تۇتۇلمىغان بولۇپ ، تەخمىنەن 20 ياشلار ئەتراپىدىكى ئوغۇل بالا دىيىلگەن .ھىندىستاندا يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم باسقۇنچىلىق دىلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، 14- يانۋار ، گوئادىكى بىر ساقچى پاھىشلەرگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ، يەنە ئىككى ساقچى خىزمىتىدىن تۇختىتىلغان
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...