جۇڭگو ئاخبارات تورى 15- يانىۋار تېلىگراممىسى . بىلگىيەدە بىر جۈپ ئەما قوشكېزەك ئاكا - ئۇكا كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئۈسۈپ چوڭ بولغان بولۇپ ، ئۆز - ئارا ياردەم قىلىشىپ ھازىرغىچە ياشاپ كەلگەن . بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ بىر - بىرىنى كۆرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ ،دوختۇردىن بىرلىكتە ئازاپلانماي ئۆلۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان .
خەۋەردە دىيىلىشچە ، بۇ قوشكېزەك ئاكا - ئۇكىنىڭ ئىسمى ئايرىم - ئايرىم مارك بىلەن ئەندى بولۇپ ، بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ، ئۇلار تۇغما ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان بولۇپ ، ئىككىسى بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن . كېيىن كۆرۈش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلگەن مارك بىلەن ئەندى بىرلىكتە ئازاپلانماي ئۆلۈش يولىنى تاللىغان .
بۇ قوشكېزەك ئاكا - ئۇكىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ دىيىشىچە " ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئائىلىسى يەنى ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە بالىسى بولغان بولسا ، ھەرگىزمۇ بۇنچىلىك ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتمىگەن بولاتتى " دىگەن . شۇڭا تۇققانلىرى بەس - بەس بىلەن بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكىغا ئۆلۈم يولىنى تاللىشىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ خىل تاللاش يولىدىن ۋاز كىچىشنى تەلەپ قىلغان .
بۇ بىر جۈپ قوشكېزەك ئىككى يىل دوختۇر ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ، ئەڭ ئاخىرى ئازاپلانماي ئۆلۈش رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرگەن . ئۇلارنىڭ ئۆلۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشسا ، بۇ بىر جۈپ قوشكېزەك دۇنيادىكى تۇنجى بىرلىكتە ئۆلۈۋېلىشنى يولىنى تاللىغان قوشكېزەك بولۇپ قالىدىكەن .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...