چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، سۇرىيە ھۈكۈمەت ئارمىيىسى 26- دىكابىر پايتەختى دەمەشىققە يېقىن جايدىكى مۇساپىرلار لاگىرىدا ئۆكتىچىلەر ئارمىيىسى بىلەن تۇقۇنۇشتى .
ئۆكتىچىلەر قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى شۇ كۈنى مۇساپىلار لاگىرى ئەتراپىغا يېقىنلىشىپ ھۈكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلدى ، توقۇنۇشقان جاي دەل دەمەشىقنىڭ جەنوبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايۇنىغا توغرا كىلىدۇ .شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ، قۇراللىق ئۇنسۇلار ھۈكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ كوچىغا ئۇرۇنلاشتۇرغان پىستىرمىسىغا ھۇجۇم قىلدى.
سۇرىيە ھۈكۈمىتى مۇنداق دەپ بىلدۈردى : سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن قۇراللىق ئۇنسۇرلار ھەممىسى چەت ئەللىكلەردىن تەشكىل تاپقان ؛
يېقىندا ، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى بولغان سۇرىيە ئەركىن ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ ، سۇرىيە زىمىنىدا كۆپلىگەن جايلارنى بېسىۋالدى ، ئىسلام رادىكال قۇراللىق تەشكىلات ۋە چەت ئەل قۇراللىق كۈچىلىرىنىڭ ياردىمىدە سۇرىيە ھۈكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ھالسىرتىپ قويدى .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...