بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ 19-چېسلا جەنۋەدە ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا كۆرسىتىشىچە، 2-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان سۈرىيە خەلقىنىڭ ئومۇمى سانى 850 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئومۇمىي سانى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن 1 مىليون 100 مىڭغا يېتىدىكەن.
ئىگىلىنشچە «2-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، 850 مىڭ سۈرىيىلىك مۇساپىر ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇردى» دېگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بىر نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەملەرنىڭ ئومۇمى سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ 1 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. توقۇنۇش بولغاندىن بۇيان، 2 مىليون 500 مىڭ سۈرىيىلىك يۇرتىدىن ئايرىلىپتۇ، ئەمما ئۇلار سۈرىيە چېگرىسىدىن چىقىپ كەتمەپتۇ.
سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 2011-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ قوراللىق توقۇنۇشقا باشلىغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، توقۇنۇشتا ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 70 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ. سۈرىيىدىكى ئورگانلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدىغىنى بولسا ئاساسلىق چەتئەللەردىكى ياردەمچى كۈچلەر ئىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...