سۈرىيە ساھىبجامالى ‹ئەرەپ دۇنياسى گۈزىلى›مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان

1399 2012-12-28 10:27:06   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جۇڭشىن تورى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىدە سۈرىيە قىزى نادىڭ.خاۋاد يېقىندا مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2012-يىللىق <ئەرەب دۇنياسى گۈزىلى>مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇقنى ئالغان .نادىڭ ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ بۇ شان شەرىپىنى ئۇرۇش ئىچىدە تۇرغان دۆلىتىگە تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئىگىلىنىشچە نادىڭ لىۋاندىن كەلگەن بولۇپ سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 15گۈزەل ئىچىدىن غەلبە قىلغان ،مىسىر ۋە تۈنىستىن كەلگەن ئىككى ساھىبجامال ئايرىم ئايرىم ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى بولغان.

  مۇسابىقە ئەمەلدارلىرىنىڭ تەسۋىرلىشىچە <ئەرەب دۇنياسى گۈزىلى >ئوبرازىدا چوقۇم ئەرەپلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى ۋە شۇ ۋەكىل دۆلەتنىڭ مەدىنىيىتى ئەكىس ئېتىشى كېرەك دېگەن.مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يېشى 19ياشتىن 26ياش ئارلىقىدا بولۇپ چىراي سىنىقىدىن باشقا يەنە تىل ۋە يېزىقچىلىق سىنىقىدىنمۇ ئۆتىشى كېرەك ئىكەن. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博