تۈركىيە چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كۇردلار ۋادىسى» ۋەقەلىكىنىڭ ئەگرى-توقايلىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن باشقا فىلىملەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغاچقا، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭدىن سىرت فىلىمدىكى باش پېرسوناژ پولات ئەلەمدارنىڭ رولىنى ئالغان نىجات شاشماز بىردىنلا نام قازىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بولسا كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ئۇنىڭ فىلىمدىكى ئوبرازىدىن ھالقىپ شەخسىي تۇرمۇشىغا بېرىپ «تەرەققىي» قىلدى.
تۈركىيىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ داڭلىق چولپان بۈگۈن، يەنى 2012-يىلى 13-دېكابىر گۈزەل مەشۇقى بىلەن نىكاھ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان. نىجات شاشماز فىلىمدىكى ئوبرازىغا ماس ھالدا توي مۇراسىمىنىمۇ ئالاھىدە شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، مۇراسىمنىڭ ئەڭ ئۇششاق ھالقىلىرىغىچە ئەتراپلىق ئويلىشىپ ئۆزگىچە ئورۇنلاشتۇردى. رەسىمدىن ئۇنىڭ كۈلكە پارلاپ تۇرغان چىرايىدىن بۇ نىكاھتىن، بۇ مۇراسىمدىن ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
نېگىريەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسىنىڭ ئايالى تۇت...
-يىللىق شاڭخەي مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتتىق يامغۇرد...
ئەنگىلىيىدە ئۇدا نەچچە كۈن تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ يېزا قىشلا...
ئاق ساراي ھەربىي ئائىلە تەۋەلىرىگە روژدېستوۋ ئويۇنچۇقى ئىئ...
كانادا «كۆرۈنمەس ھەربىي فورما» ماتىريالىنى تەتقىق قىلىپ يا...
سۈرىيە ھۈكۈمەت ئارمىيىسى ئۆكتىچىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ...