ئەنگىلىيە ئاخپاراتچىلىقى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى،يېقىندا ئەنگىلىيىنىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىدە ئۈزلۈكسىز تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ 12-چىسلا قىسمەن رايونلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10سىلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان،قاتناشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.لېكىن سوغۇق ھاۋارايى ئەنگىلىيە يېزا قىشلاقلىرىدا پەرىلەر ماكانىدەك گۈزەل مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ گۈزەللىكىگە گەپ كەتمەيتتى.
ئىگىلىنىشچە ئەنگىلىيىنىڭ قار مۇز ھاۋارايىدا تەخمىنەن 200قېتىملىق ئايروپىلان ئۇچۇشتىن توختىتىلغان،ئاساسلىق يوللاردا ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ تۇمان ۋە قىراۋ پويىزلارنىڭمۇ مېڭىشىنى كېچىكتۈرگەن.
12-چىسلا لوندون شىسلو ئايرۇدۇرۇمىدا 186ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى بىكار قىلىنغان بولۇپ ئون مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سەپىرى كېچىكتۈرۈلگەن.ئۇلار 5سائەتتىن ئارتۇق ئۆچرەتتە تۇرۇش ئارقىلىق قايتا بىلەت ئېلىشقا مەجبور بولغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگىلىيە لوندون ئايرۇدۇرۇمى ،لىس-بۇلادۇفۇد ئايرۇدۇرومى ۋە بولىستور ئايرۇدۇرومىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن






ھەمبەھىرلىنىڭ