نېگىريەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسىنىڭ ئايالى تۇتقۇن قىلىندى

0 2012-12-14 11:00:56   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   خەلق تورى ئابۇجا 12- دىكابىر تېلگراممىسى . 11- دىكابىر ، نېگىرىيە ئويو ئىشتاتى ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ ئاممىۋى ئىشلارغا مەسئۇل ساقچى ئەمەلدارى لاناردنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارلىشىچە ، نېگىريەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى Aoluwule. Rotimi نىڭ ئايالى دىدىرا 10- دىكابىر چۈشتىن كېيىن ئويو ئىشتاتىنىڭ مەركىزىدىكى ئىباداندا سالايھىتى ئېنىق بولمىغان قۇراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان .

   نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت چۈشتىن كېيىن سائەت 6:30 ئەتراپىدا بولۇپ ، دىدىرا ئىبادان شەھىرى ئەكبادا رايۇندىكى ئەشيا ئوبروت شىركىتى ئىشىخانا بىناسىدىن چىقىۋاتقاندا قۇراللىق بىر قانچە ئادەم تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ، دىدىرانىڭ شوپۇرى نەق مەيداندا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان .

   سابىق ئەلچى روتىمى بۇنىڭغا قارىتا ، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ بۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىغان ، تۇتقۇن قىلغانلار تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلاشمىغان ، ئىشتاتلىق ساقچى ئىدارىسى بۇ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتنى باشلىغان . بۇنىڭدىن بۇرۇن ، ساقچىلار بۇ دىلوغا ئوخشاپ قالىدىغان بىرقانچە دىلونى بىجىرگەن بولۇپ ، بىر ئايال باشقۇرغۇچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈچ ئايلىق مائاشىنى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ، خىزمەتچىلىرى ئاچچىقىغا بۇ ئايال باشقۇرغۇچىنى تۇتقۇن قىلغان .

نېگىريەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博