ئاۋىستىرالىيەدە تۇل ئايال ھەشەمەتلىك داچىسىنى خوشنىسىغا قالدۇردى

1089 2012-11-30 09:59:37   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جۇڭگو ئاخبارات تورى 29- نويابىر . چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، ئاۋىستىرالىيەدە بىر تۇل ئايال خوشنىسىنىڭ ئۇزۇن يىللادىن بۇيان ئۆزىدىن ياخشى خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن قىممىتى 12 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدىغان ھەشەمەتلىك داچىسىنى خوشنىسىغا مىراس قىلىپ قالدۇرغان .

   قانۇن ئەمەلدارى 28- نويابىر قارار چىقىرىپ ، 2009- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن 95 ياشلىق ئايال بېدى . خامىسنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ، بېيدىنىڭ خوشنىسى گېلىن خانىمغا ئۆزىنىڭ بارلىق مال - مۈلكىنى ۋارىسلىق قىلىشنى بويرىدى . بۇ ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن مىراس دىلوسىنىڭ قويرۇقى ئەمدى ئۈزۈلدى .

   ئىگىلىنىشىچە ، بېيدى ئەڭ بۇرۇن مال - مۈلكىنى جىيەنى خادقا قالدۇرماقچى بولغان . بىراق كېيىن خاد ۋە باشقا تۇققانلىرىنىڭ ئۆزىنى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، تۇققانلىرىدىن ۋاپا كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان . بېيدى 2005- يىلى ۋەسىيەتنامىسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ بىر پۇڭ پۇلىغا تۇققانلىرىنىڭ ئىگە بولۇش ھوقوقى يوق دەپ ئەسكەرتىپ قويغان .

   بېيدى ئېغىر ئاغرىپ يېرىپ قالغاندا ، خوشنىسى گېلىن ۋە ئۇنىڭ ئېرى خۇددى يېقىن تۇققىنىدەك ياخشى قارىغان ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋە ئائىلىدىكى ئۇششاق ئىشلاردىن تارتىپ بۇ ئەر - ئايال ئۈستىگە ئالغان . بېيدى خوشنىسى گېلىن ئەر - خۇتۇننىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەشەمەتلىك داچىسىنىڭ ئۇلارغا قالدۇرغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博