ئاۋىستىرالىيەدە %12 دۆلەت مەمۇرىي خادىمى 2020-يىلىغا بارغاندا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ مەمۇرىي ئىشلارنى بىجىرىدىكەن

17 2012-11-13 10:03:18   يەرشارى تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   ئاۋىستىرالىيە يېڭى تىز خەۋەرلەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋىستىرالىيە ھۆكىمىتى پۈتۈن مەملىكەت يىراق مۇساپىلىك خىزمەت ھەپتىلىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا 2020-يىلىدىن بۇرۇن پۈتۈن دۆلەتتىكى %12 دۆلەت مەمۇرىي خادىمىنىڭ ئائىلىسىدە مەمۇرىي ئىشلارنى بىجىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاۋىستىرالىيەدە نۆۋەتتە يىراق مۇساپىلىك خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %4 ئىكەن.

   دېچىن(پۈتۈن دۇنيادىكى 4 چوڭ بۇغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ بىرى) 12-چىسلا دوكىلات ئېلان قىلىپ، يىراق مۇساپىلىك خىزمەتنىڭ ھەريىلى ئاۋىستىرالىيە GDP سىنى 3 مىليارد 200 مىليۇن ياۋرۇ(تەخمىنەن20 مىليارد 800 مىليۇن يۈەن خەلىق پۇلى) ئاشۇرىدىكەن.

   كەڭ بەلباغلىق تور، ئالاقە ھەمدە رەقەملىك ئىقتىساد تارمىقىنىڭ باياناتچىسى پۈتۈن مەملىكەت يىراق مۇساپىلىك خىزمەت ھەپتىلىكىنىڭ قانات يايدۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ھەم ئىشەنچىلىك كەڭ بەلباغلىق تور يىراق مۇساپىلىك خىزمەتنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشغا كاپالەتلىك قىلىدى، يىزىلاردىكى ئاھالىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يىراق مۇساپىلىك خىزمەت ئىنتايىن ياخشى بىر تاللاش.

  خەۋەردە يەنە يىراق مۇساپىلىك خىزمەتنىڭ بىر يېڭى ئۇقۇم ئەمەسلىكى، ھەم تەننەرخ ئۈنۈمىگە ناھايىتى ماس كىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى. بىراق كەلگۈسى خىزمەت فوندىنىڭ رەئىسى بارىس خادىملارنىڭ ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا شەكىللەنگەن يىراقلىشىش تۇيغۇسى سەۋەبىدىن يىراق مۇساپىلىك خىزمەتنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىلەشتۈرۈشنىڭ مومكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博