لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ھاسان ناسىرۇللا
جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى تېلگىراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ھاسان نەسىرۇللا 19-چىسلا بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋان شىئە مەزھىپىدىكىلەر كوللىكتىپىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تۇقۇنىشىدا خاماسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نەسىرۇللا بېيرۇتتا قوللىغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلىگەندە لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ خاماسنى قوللىشىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىككى تەرەپنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىگەنلىنىشىچە، خاماس قۇراللىق كۈچلىرى سۈرىيە ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلىرىنى قوللايدۇ دەپ قارالغان، ئىران بىلەن لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى بولسا سۈرىيە ھۆكىمىتىگە مەدەت بەرگەن.
نەسىرۇللا :" ئىران، سۈرىيە ۋە لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى گازا خەلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قارشىلىق پائالىيىتىنى قوللاشتىن ۋاز كەچمەيدۇ، دىن، ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز." دېدى.
ئىگەنلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە 14-چىسلادىن باشلاپ گازا رايۇنىدىكى خاماس قۇراللىق كۈچلىرىگە " مۇداپىئە ئىشلىرى تۈۋرۈكى " ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەركەتنى قوزغىغان بۇلۇپ ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆرەشچى ئايرۇپىلانىلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخودىنىڭ ھۇجۇمى ھەمدە خاماس تەرەپنىڭ راكىتا بومبا ھۇجۇمىدا مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلگەن ۋە يارلانغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى پەلەستىنلىكلەر ئىكەن.
ئىسرائىلىيە گازانىڭ چىگرا رايۇنىغا يېقىن رايۇنلاردا كۆپ مىقداردا ئەسكەر يىغىپ، گازاغا قارىتا يەر يۈزى ھۇجۇمى قىلىش ھەركىتىنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان. خەلىقئارا جەمىيەت پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىنى كىلىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ تېزرەك ئۇرۇش توختىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...