ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى چاۋشىيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئادەتتىكى جازا بىلەن تۇسقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى دېدى

298 2013-02-20 11:05:31   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جۇڭشىن تورى 2-ئاينىڭ19-كۈنى تېلگىراممىسى:روسىيە شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى Netanyahuمۇنداق دېدى:يېقىندا چاۋشىيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى ،ئەگەر قۇراللىق كۈچ بىلەن تەھدىت سالمىسا،ئايرىم جازا ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشنىڭ ئىراننىڭ يادرو بومبىسى يولىغا مېڭىشىنى تۇسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە،Netanyahuئېروسالىمدا چەتئەللىك يەھۇدىلار تەشكىلاتىنى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە،"قاتتىق جازا بىرىش ئۇسۇللىرى چاۋشىيەننى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىن تۇسىيالىدىمۇ؟ياق ، تۇسىيالمىدى.يادرو بومبىسىنىڭ پارتىلىشغا بولغان ئىنكاسنى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاڭلىغىلى بۇلىدۇ،بۇلۇپمۇ ئىراندا ئىنكاس ئىنتايىن كۈچلۈك.جازا بىرىش ئۇسۇلى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ توختىتىۋالالمايدۇ،جازاغا يەنە ھەربى تەھدىت قۇشۇلىشى كىرەك،بولمىسا ئىراننى تۇسىۋېلىش مومكىن ئەمەس"دېدى.

   Netanyahuئىراننىڭ ئوراننى قۇيۇلدۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تىز ئىكەنلەكىنى ئەيىبلىدى ھەم ئىراننىڭ يادرو تەھدىتى مەسلىسىنى 3-ئايدا ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بۇلىدىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئۇباما بىلەن قىلىدىغان سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

  ئۇ يەنە "مىنىڭچە،ئىراننى تۇسۇپ قىلىش يەرشارىدىكى تىنىچلىقنى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغدايدىغان ھەربىر كىشىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى.بۇ ھەم مەن زۇڭتۇڭ ئۇباما بىلەن ئالدىمىزدا ئۆتكۈزىلىدىغان سۆھبەت يىغىنىدا مەسلىھەتلىشىدىغان ئاساسى تىما.ئىراننىڭ يادرو تۈرىنى ھەل قىلىش ئىسرائىلىينىڭ ئەڭ چوڭ ،ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى"دېدى.

  ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب ئەللىرىدىكى دۆلەتلەر ئىراننى خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئىنىرگىيىسى پىلانى بىلەن يادرو قۇراللىرىنى يۇشۇرىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.تېھران بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ ،ئىران پىلانلىغان يادرو ئىنىرگىيىسى تۈرىنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى خەلقنىڭ ئېلىكتر ئھتىياجىنى قاندۇرۇش دېدى.نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ھەرخىك قارارلار ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى پۈتۈنلەي ئېنقلاشتۇرىۋىتىشىنى،ھەمدە بۇ پىلاننىڭ پەقەت خەلق ئاممىسىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博