لىۋىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بىر يىللىقى

228 2012-10-24 10:26:55   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   23-ئۆكتەبىر لىۋىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بىر يىللىقى . 2011–يىلى 10–ئاينىڭ 23–كۈنى ، لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىدى ، بۇنىڭ بىلەن لىۋىيە خەلقى تولۇپ–تاشقان ئۈمىد بىلەن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان دېموكراتىيەنى كۈتۈۋالدى . لېكىن ھازىرغا قەدەر ، مۇقىم بولمىغان لىۋىيە ۋەزىيىتى لىۋىيەلىكلەرگە: ئارزۇ - ئارمانلارنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

   2011  - يىلى 3-ئاينىڭ 19–كۈنى، لىۋىيە ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىدى. ئۆكتىچىلەر ش ئا ئە ت نىڭ ياردىمىدە نەچچە ئاي ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، شۇ يىلى 8–ئايدا پايتەخت ترىپولىنى ئىشغال قىلدى، 20–ئۆكتەبىر لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى كازافىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، 23-ئۆكتەبىر لىۋىيەنىڭ ئازاد بولغانلىقى جاكارلاندى. شۇنداقتىمۇ لىۋىيە ۋەزىيىتى ئىزچىل ياخشىلانماي، يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ئىشلىرى يۈرۈشمەي ، مەركەز باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمىدى ، قەبىلىلەر توقۇنۇشى داۋاملىق يۈز بېرىپ، تۈرلۈك قارشىلىق نامايىشلىرى قايتا - قايتا يۈز بەردى، جەمئىيەتتە قورال - ياراغ يامراپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش ئىشلىرى بىر قەدەر ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تۇردى، مال باھاسىمۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى . لىۋىيە ئۇرۇشى كازافىنىڭ 40 نەچچە يىللىق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، لىۋىيە ئۈچۈن دېموكراتىك ، ئەركىن دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ئېچىپ بەردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博