چۆچەك شەھىرىدە ، مەيخەييىن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ، قاراماي -چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، يەرلىك سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى 24 سائەت جىددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى ، ياز پەسلىدە جەمئىي 180 مىڭ توننا سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىلدى . شىنجاڭ تۈنخې ئېمىن سېمۇنت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بەي فېڭ مۇنداق دېدى: سېمۇنت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تارىختىكى يېڭى يۇقىرى پەللىگە چىقىشىدا ئۈمىد بار ، سېتىلىش مىقدارىمۇ بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولىدۇ .
بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كېڭەيتكەن . چاپچال شىبە ئاپتونۇم ناھىيەسى جىن لۇڭ سېمۇنت شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى گو جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى ئۆز رايونىمىزغا،يەنى ئىلىدىكى 8 ناھىيە 1 شەھەرگە سېتىلىۋاتىدۇ ، بۇ يىللىق 1 مىليون 350 مىڭ توننىلىق ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز .
ئىگىلىنىشچە ، قەشقەر ۋىلايىتى ، ئىلى ئوبلاستى ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سېمۇنت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى تېز بولغان بولۇپ ، ئايرىم -ئايرىم ھالدا % 43، % 54 ۋە % 47 ئاشقان . ئۈرۈمچى شەھىرى ، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ سېمۇنت مەھسۇلات مىقدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن ، سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان .
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ئەنگىلىيە دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسىدىكىل...
1957-يىلدىكى ۋىسكى ھارىقى كىم ئاشتى قىلىنىپ سېتىلىدىكەن باھاس...
بىكخامنىڭ 10 ياشلىق ئوغلى بەدىنىگە دادىسىغا ئوخشاش گۈل چەكتۈ...
پاكىستاندىكى 14ياشلىق بالىلار ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ق...
2012-يىللىق بيېجىڭ كەسپى تاشيول ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىق...