2012-يىلى 10-ئاينىڭ10-كۈنى، ئەنگىلىيە" كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاند، ھەممىگە تونۇش بولغان داڭلىق پۇتبۇل چولپىنى بىكخام بەدىنىگە گۈل چىكىشكە ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدە چوڭ-كىچىك بولۇپ 30 نەچچە گۈل چىكىلگەن. يىقىندا، بىكخامنىڭ ئىككىنجى ئوغلى رومىئو ئاپىسى بىلەن سىرتقا چىققاندا مۇخبىرلار تەرىپىدىن بوينىدىكى دادىسىنىڭكىگە ئوخشاش گۈل چىكىلگەن ھالىتى رەسىمگە تارتىۋىلىنغان.
بىكخامنىڭ بوينىدا "haper" دىگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ، بۇ دەل بىكخام بىلەن ئايالى ۋىكتورىيەنىڭ كىچىك قىزىنىڭ ئىسمى. بىكخامنىڭ بۇرۇندىنلا ئائىلسىدىكىلەرنىڭ ئىسمىنى نەقىش قىلىپ بەدىنىگە ئويىۋالىدىغان ئادىتى بولۇپ، ئايالى، باللىرىنىڭ ئىسىملىرى ئۇنىڭ بەدىنىدا ئويۇلغان ئىكەن. يىقىندا ئۇنىڭ ئىككىنجى ئوغلى رومىئومۇ دادىسىنڭىكىگە ئوخشاش قىلىپ گۈل چەكتۈرگەن.
يىقىندا، ۋىكتورىيە ئۆزىنىڭ باللىرىنى ئىلىپ سىرتقا چىقىپ، پەرىشتىلەر بايرىمى ئۈچۈن نەرسە-كىرەك سىتىۋالغان. ئۇنىڭ قىزى قۇچاقتا ، ئىككى ئوغلى ئاپىسىغا ئەگەشكەن ھالدا بازارغا چىققان. بۇ چاغدا مۇخبىر ھەيرانلىق ئىچىدە بىكخامنىڭ ئىككىنجى ئوغلى رومىئونىڭ بوينىدا دادىسىنىڭكىگە ئوخشاش گۈل بارلىقىنى بايقىغان. بىراق تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ پەقەت رومىئو دادىسىنى دوراپ چاپلىۋالغان يالغان نەقىش بولۇپ، 10 ياشلىق بالىغا نىسبەتەن بەدىنىگە گۈل چەككۈزۈش ئىنيايىن بالدۇرلۇق قىلدۇ.
بىكخام بىلەن ۋىكتورىيەنىڭ ئىككىنجى ئوغلى رومىئو تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئاسان ئاغرىپ قالىدىكەن ، 1 ياش ۋاقتىدا ھەتتا ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قاپتىكەن، شۇڭا كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتا-ئانىسى بەك كۆيۈنىدىكەن. چوڭ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كىسىلى بارلىقى مەلۇم بولغان. بىر نەچچە قىتىم كىسىلى تۇتۇپ قىلىپ جىنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالغان. شۇ ۋاقىتتا ۋىكتورىيە ئۆزىنىڭ قويىۋاتقان ئويۇنلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا قارىغان. بۇ ھەم نىمە ئۈچۈن بۇ ئەر-ئايالنىڭ بۇ بالىسىغا نىمانچە ئامراقىلىق قىلىپ، ھەددىدىن ئارتۇق بوش قويىۋىتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
بىكخامنىڭ 10 ياشلىق ئوغلى بەدىنىگە دادىسىغا ئوخشاش گۈل چەكتۈ...
پاكىستاندىكى 14ياشلىق بالىلار ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ق...
2012-يىللىق بيېجىڭ كەسپى تاشيول ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىق...
شىنجاڭ قەشقەردىكى مىڭ يىللىق تارىخفا ئىگە قەدىمىي كوچا -ئۆس...
ئاشىق-مەشۇقلار مارافونچە يۈگرۈپ تويىنى تاماملىغان ،32كىلومى...
كورىيىدە 80مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن <جىياڭنەن Style>ناخشا كېچىل...
ئامېرىكىدىكى 800 كىلوگىراملىق كاۋا« ئەڭ ئېغىر كاۋا »بولۇپ با...