سۈرىيە ئۆكتىچىللىرى ئىران تۇتقۇنلىرىغا كىچىكتۈرۈپ جازا ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0 2012-10-10 11:04:23   gb.cri.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ تېلگىراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ تېلگىرام ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە ئۆكتىچىللىرى " سۈرىيە پىدائىيلار ئارمىيەسى" نىڭ بىر نەپەر باياناتچىسى 8-چىسلا ئىرانلىق تۇتقۇنلارغا جازا ئىجرا قىلىش پىلانىنى ۋاقتىنچە كىچىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئۆكتىچىلەر ئۇلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق زۇڭتۇڭ ئاساد ۋە ئىران دائىرلىرى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئەگەر سۈرىيە دائىرلىرى كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە دەمەشىق ئۆلكىسىدە تۇتۇلغان ئۈچ قىز ۋە ئىككى ئائىلىلكنى قۇيۇۋەتمىسە ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى ئىرانلىق تۇتقۇنلارغا قارىتا جازا ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    10-ئاينىڭ 4-كۈنى سۈرىيە پىدائىيلار ئارمىيەسى " ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومتىتى" ئەگەر ھۈكۈمەت ئارمىيەسى يەنە 48 سائەت ئىچىدە بىرىنجى سەپتىن ئايرىلمىسا ئۇلارنىڭ ئىرانلىق تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    8-ئاينىڭ 4-كۈنى 48 نەپەر ئىرانلىق چىققان ئاپتۇبۇس سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئىران تەرەپ بۇ كىشىلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ بىر مۇقەددەس جايىغا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلغاندىن كىيىن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ دەمەشىق ئايرۇدۇرۇمىغا بېرىپ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىرانغا قايتماقچى بولغان سەپەر جەريانىدا "تىرورچىلار" نىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچىرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران دائىرىلىرى يەنە' ئىران تەرەپ ئاساد ھۈكۈمىتىگە ياردەملىىشپ ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەرنى باسىدۇ' دىگەن قاراشقا رەددىيە بەردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博